بەزى داڭلىق ماشىنىلار ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولغاچقا ئامېرىكا دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنغان

«پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئاساسلانغاندا يېقىندا ئامېرىكا تاموژنىسى بېنتلېي(Bentley)، پورشا(Porsche) ۋە ئاۋدى(Audi) قاتارلىق داڭلىق ماركىلىق ماشىنىلارنى تۇتۇپ قالغان ھەمدە مىڭلىغان ساندىكى ئاپتوموبىلنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كېرىشنى چەكلىگەن.

مەزكۇر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ۋولكېسۋاگېن (Volkswagen) شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش زەنجىرىگە چېتىشلىق مىڭلىغان بېنتلېي، پورشا ۋە ئاۋدى قاتارلىق داڭلىق ماركىلىق ماشىنىلارغا ئىشلىتىلگەن ئىچكى ئۆزەك (chip) ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەنگەن؛ ئۇيغۇر دىيارى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئەڭ زور كۆلەمدە ئىجرا قىلىۋاتقان رايونلاردىن ھېسابلىنىدۇ. خەۋەردە بۇ توغرىسىدا ئېنىق قىلىپ «بۇ ئاپتوموبىللارنى ئىشلەپچىقىرىشقا قاتناشقان ۋولكىسۋاگېن شىركىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ياسالغان ئۆزەكلەرنى ئىشلەتكەن بولۇشى مۇمكىن. بۇ ماھىيەتتە خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بەدىلىگە ياسالغان تاۋارلىرىغا قارىتىلغان ئىمپورت چەكلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدۇ» دېيىلىدۇ.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ۋولكېسۋاگېن شىركىتى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاپتوموبىللارغا ئىشلىتىلگەن ئۆزەك ۋە باشقا ئېلېكتىرونلۇق زاپچاسلارنىڭ «پاكىز» يولدىن كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلاشنىڭ ئورنىغا بۇ زاپچاسلارنى بىردەك «پاكىز» مەنبەدىن كەلگەن زاپچاسلارغا ئالماشتۇرۇۋېتىش تەكلىپىنى سۇنغان. ئامېرىكا تاموژنىسى بولسا بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلغان.

بىر قانچە يىلدىن بۇيان، ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىگە دائىر ئىسپاتلار ئاشكارىلانغانىدى. 2022-يىلى دېكابىردا ئەنگلىيە شېفىلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئېلان قىلغان دوكلاتتا دۇنيادىكى ئاپتوموبىل تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن كەڭ ئالاقىسى بارلىقى، شۇنىڭدەك ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى.