خەلقئارادا ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى مەجبۇرى ئەمگەكنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي ۋە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغىمۇ كېڭەيتىشنى قارار قىلغان. يەرلىك دائىرىلەر بۇ يىل 3-ئايدا جايلاردىكى ئالىي ۋە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى «ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش» نى تەلەپ قىلغان ئىدى. «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 3-ماي ئاشكارلىشىچە، دائىرىلەر «ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى دەۋردىكى ئالىي ۋە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئەمگەك تەربىيەسىنى ئومۇمىييۈزلۈك كۈچەيتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» ناملىق ھۆججىتىنى ئېلان قىلغان.
خىتاينىڭ خەلقئارادا ئۇيغۇرلارنى قۇل ئەمگىكىگە سېلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، يەنە رايوندىكى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا «ئەمگەك تەربىيەسى» ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلىشىنىڭ سەۋەبى مەلۇم ئەمەس. بۇ بەزى كۆزەتكۈچىلەردە دائىرىلەر ئوقۇغۇچىلارنى «ئەمگەك تەربىيەسى» نامىدا «پاختا ئۈزۈشكە سالامدۇ» دېگەن گۇمان پەيدا قىلغان. چۈنكى خىتاينىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن خەلقئارا داڭلىق شىركەتلەرنىڭ ئىمبارگوسىغا ئۇچراپ، رايوندىكى خىتاي توقۇمۇچىلىق كارخانىلىرىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئىدى.
«تەڭرىتاغ» تورنىڭ خەۋىرىدە ئىيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەمگەك تەربىيەسىنى ئومۇمىييۈزلىۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر» دە «ئائىلە، مەكتەپ ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسىي تەرەپلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ…خىتايغا خاس ئەمگەك مائارىپى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش، زامانىۋىي مائارىپنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن ئەمگەك مائارىپ سىستېمىسى قۇرۇپ چىقىش» تەلەپ قىلىنغان.
