ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى مەخسۇس ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكانىڭ 21-ئىيۇندىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىشقا باشلىغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ئىنكاس بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، پرېزىدېنت بايدېن ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئىمزا قويغان بۇ قانۇننىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى شىركەتلىرىنىلا ئەمەس، ئۇنىڭ مەملىكەت مىقياسىدىكى شىركەتلىرىنىمۇ ئالاقزادە قىلىۋەتكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى شۈ گۇيشىياڭ 24-ئىيۇن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا، ئامېرىكانىڭ بۇ قانۇننى ئىجرا قىلىشتىكى مەقسىتىنى «شىنجاڭدا ئىشسىزلىق پەيدا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش» دەپ ئەيىبلىگەن.
لېكىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ھەر ئىككى پالاتاسىدا مۇتلەق كۆپ ئاۋازنىڭ قوللىشى بىلەن ماقۇللانغان بۇ قانۇن، خىتاينىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرنى ئائىلىلىرىدىن ئايرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى كارخانىلاردا ھەقسىز ياكى ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە مەجبۇرىي ئىشلىتىشى، بۇ ئارقىلىق خەلقئارا مال تەمىنلەش زەنجىرىنى زەھەرلىىشگە قارشى چىقىرىلغان. يېقىندا خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئېلىدىكى ئەمگەك سىياسىتىنىڭ «ئەندىشە قىلارلىق» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. لېكىن شۈ گۇيشىياڭ ئاخبارات يىغىنىدا: «بۇ، ئامېرىكانىڭ كىشىلىك ھوقۇق نامىدا خىتاينى چەكلىشى ۋە بېسىشىنىڭ كۈچىيىشىدۇر. ئامېرىكانىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ قانۇن ئاساسى يوق، رېئاللىق بىلەن ماس كەلمەيدۇ، ئەقىلگە سىغمايدۇ، شۇنداقلا ئۆزىگە پايدىسىز. ئۇنىڭ ھەقىقىي مۇددىئاسى مەجبۇرىي ئىشسىزلىق پەيدا قىلىپ، شىنجاڭنى مۇقىمسىزلاشتۇرۇش، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش. بۇ، خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەيدىغان غەيرىي نورمال خاھىش» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئاخبارات يىغىنىدا يەنە «شىنجاڭ تىببىئىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېبابەتچىلىك قۇرۇلۇشى تېخنىكا ئىنستىتۇتى» نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نۇرنىسا غالىپ، شىنجاڭ تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى» نىڭ تەتقىقاتچىسى خەمىت ئابدۇرېخىم، «شىنجاڭ باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چېن جوڭكۇەن قاتارلىقلار دائىرىلەر سۆزلىگەن. خەمىت ئابدۇرېىم ئۆزىنىڭ «قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسىدە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېزا نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش سېخىغا كىرىپ، دېھقانلارنىڭ سانائەت ئىشچىلىرىغا ئايلانغانلىقىنى كۆرگەنلىكى» نى ئېيتقان. لېكىن مۇخەسسىسلەر ئېيتىشىچە، خىتاي 2017-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يەر-مۈلكىنى تارتىۋېلىپ، ئۇلارنى خىتاي زاۋۇتلىرىدىكى يالاڭائاچ ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرغان ئىكەن.