ئامېرىكا «شىنجاڭ پاختىسى» نى چەكلىگەن بىر ۋاقىتتا «شىنجاڭ پاختىسى» ئىشلىتىدىغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ توكيو ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىكى بەزى غەرب تەنتەربىيە كوماندىلىرىنى كىيىم بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ۋە ئۇلارغا ۋاكالەتچى بولغانلىقى ئاشكارىلاندى. فىلىپپىن ABS-CBN ئاخبارات گۇرۇھىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، توكيو ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە «شىنجاڭ پاختىسى» ئىشلىتىدىغان ئاز دېگەندە 5 خىتاي شىركىتى بۇ كوماندىلارنى كىيىم بىلەن تەمىنلىگەن ۋە ئۇلارغا ۋاكالەتچى بولغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار ۋاكالەتچى بولغان دۆلەتلەر يېڭى زېلاندىيە، ئسلاندىيە، بېلگىيە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. خەۋەردە يەنە بۇ شىركەتلەرنىڭ رۇمىنىيە، سىلوۋېنىيە، ئۇكرائىنا، بىرازىلىيە ئولىمپىك كومىتېتى، گېرمانىيە، ئىران، نىگېرىيە ئەركەكلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ۋە سېربىيە ئاياللار كوماندىسىغا ۋاكالەتچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، «پېك تەنتەربىيە مەھسۇلاتلىرى شىركىتى» شۇ خىل خىتاي كارخانىلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ شىركەتنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتور رېن جىخۇا بۇ يىل 3-ئايدا ئۆزلىرىنىڭ «ئەزەلدىن شىنجاڭ پاختىسى ۋە خىتاي پاختىسىنى سېتىۋېلىپ كەلگەنلىكى»، «شىنجاڭ پاختىسىنى قوللايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن شۇنداقلا «شىنجاڭ لىتەي يىپەك يولى شىركىتى» بىلەن ئىمزالىغان توختامىنى ئېلان قىلغان.
«شىنجاڭ لىتەي يىپەك يولى شىركىتى» خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىشىپ، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئىشلىتىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ بىرى ئىدى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ «ئانتا تەنتەربىيە بۇيۇملىرى شىركىتى» مۇ شۇ خىل كارخانىلارنىڭ بىرى ئىكەن. خەۋەردە بۇ شىركەتنىڭمۇ بۇ يىل 3-ئايدا داۋاملىق «شىنجاڭ پاختىسى» نى ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقى، ئۇنىڭ 2018-يىلدىن بېرى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى خادىملىرىنىڭ فورمىسىنى تەمىنلەپ كېلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
