يېقىندا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ 2021-يىلىدىكى توكيو يازلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ۋە 2022-يىلىدىكى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر قىسىم خىتاي شىركەتلىرى بىلەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت كىيىمى تىكىش توختامى تۈزگەنلىكى ئاشكارىلاندى.
Axios تورىنىڭ 28-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ شىركەتلەرنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى پاختا مەھسۇلاتلىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى يېقىنقى مەزگىللەردە زور غۇلغۇلىغا سەۋەب بولۇۋاتقانىدى. بولۇپمۇ شۇلار قاتارىدىكى «خېڭيۇەنشياڭ» شىركىتى ئولىمپىك كومىتېتى ئۈچۈن ئولىمپىك فورمىسىنى تىكىپ بېرىش توختامىغا قول قويغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى 2008-يىلىدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن بۇيان ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەنىكەن. مەزكۇر شىركەت بىلەن قويۇق ئالاقىدە بولۇۋاتقان ئەڭ چوڭ تور سودىسى مۇنبىرى تاۋباۋ شىركىتى بولسا ئۇيغۇر دىيارىدىكى پاختا مەھسۇلاتلىرى كۆپلەپ سېتىلىدىغان سورۇنلارنىڭ بىرى ئىكەن.
خەلقئارا ئەمگەكچىلەر ھەقلىرى بىرلەشمىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى پېنېلوپ كىيرىتىس بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئۇيغۇر رايونىدا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىۋاتقان شىركەتلەر بىلەن ئالاقىدە بولماسلىقى كېرەك ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئاشۇ مەھسۇلاتلارغا شېرىك بولۇشتىن باشقا خەلقئارادا يەنە بۇنىڭ ئېلانىنى قىلىپ بەرگەنلىككە باراۋەر» دېگەن. ئەمما «خېڭيۇەنشياڭ گۇرۇھى» نىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ؛ «بىز خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئۈچۈن تەييارلاپ بەرگەن كىيىملەرگە ئىشلىتىلگەن پاختا دۆلىتىمىزنىڭ سىرتىدىكى جايلاردىن ئىمپورت قىلىنغان» دېگەن. ئەمما بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىغا دائىر ھۆججەت ياكى گۇۋاھنامىلەرنى كۆرسىتىپ بېرەلمىگەن. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفېي رېچاردسون خانىم بۇ ئەھۋالنى ئەيىبلەپ: «خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە باغلىنىشلىق خىتاي شىركىتى بىلەن كىيىم تىكىش توختامى تۈزۈشى بەكمۇ نومۇسلۇق بىر قىلمىش. ئەسلىدە ئۇلار بۇنىڭ ئەكسىنى قىلسا بولاتتى» دەپ كۆرسەتكەن.
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بۇ خىلدىكى قىلمىشلىرى كۆپ بولغانلىقتىن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئىزچىل ھەر ساھەنىڭ كەسكىن تەنقىدلىرىگە، شۇنىڭدەك بىر قىسىم ھۆكۈمەتلەرنىڭ بايقۇت قىلىشىغا دۇچ كەلگەنىدى. 29-دېكابىر كۈنى «يەھۇدىيلار دۇنيانى كۆزىتىش تەشكىلاتى» ئۆزلىرىنىڭ تىۋېتتىر بېتىدە ئۇچۇر يوللاپ «1936-يىلى ناتسىستلار گېرمانىيەسى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى تەشۋىقات قورالى قىلىپ جازا لاگېرلىرىدا يەھۇدىيلارنى قىرغىن قىلغانىدى. مىليونلارچە ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ بولغان خىتاي كومپارتىيەسى 2022-يىلى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى يەنە بىر قېتىم تەشۋىقات قورالى قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ» دېدى.