ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە «مەسىلە تاپشۇرۇش ۋە پاش قىلىش» قا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا

چەرچەن ناھىيەسىدىكى بىر يېزىدىلا ئاتالمىش «قارا كۈچلەر» گە ئائىت 3500 پارچە پاش قىلىش جەدۋىلى يىغىلىشى كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى.

چەرچەن ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تور بېتىدە 9-ئاپرېل كۈنىدە ئېلان قىلىنغان بىر پارچە خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، چەرچەن ناھىيەسىنىڭ يېڭى ئۆستەڭ يېزىسىدىكى ئامما «قارا كۈچلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش» ھەققىدىكى بىر سەپەرۋەرلىك يىغىنىغا ئۇيۇشتۇرۇلغان. يىغىندا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئاممىنى ئاتالمىش «قارا كۈچلەر» گە دائىر ئۆزى بىلىدىغان ئۇچۇرلارنى قەتئىي پاش قىلىش ھەققىدە تاپشۇرۇق بەرگەن.

خەۋەردىكى سۈرەتلەردىن يېزىدىكى قېرى-ياش ئۇيغۇرلارنىڭ قولىغا قەغەز تارقىتىپ بېرىلگەنلىكى ۋە يىغىن ئاخىرىدا ھەربىر كىشىنىڭ رەتكە تىزىلىپ تۇرۇپ ئاللىنېمىلەرنى پاش قىلغان بىر پارچە قەغەزنى خىتاي ھۆكۈمەت خادىمى كۆتۈرۈۋالغان «پاش قىلىش ساندۇقى» غا سېلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. چەرچەن ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تورىدىكى خەۋەردە «نەق مەيداندىكى سەپەرۋەرلىكتىن كېيىن قارا كۈچلەرگە مۇناسىۋەتلىك 3500 پارچىدىن ئارتۇق پاش قىلىش جەدۋىلى يىغىۋېلىندى» دېگەن.

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىقياسى بويىچە ئاتالمىش «قارا كۈچلەرنى تازىلاش ۋە رەزىللىكنى تۈگىتىش» ھەرىكىتى قوزغالغان ئىدى. يېقىندا بايىنغولىن ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت مۇشۇ ھەقتە بەرگەن بىر ئۇقتۇرۇشىدا قارا كۈچلەرنى «مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تەشكىلاتلار ۋە جامائەتلەر، ئاساسى قاتلامغا سۇقۇنۇپ كىرىپ ئۇنى مونوپول قىلىۋالغانلار، يۇرتداشلىق، تۇغقانچىلىق، دىنداشلىق رىشتىسى بويىچە گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرغانلار، بۆلگۈنچى، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنى قانات ئاستىغا ئالغان ‹ئىككى يۈزلىمىچى كادىرلار›، چەتئەلدىكى ‹قارا گۇرۇھ ۋە رەزىل كۈچلەر› بىلەن ئالاقىسى بارلار ۋە باشقىلارنى ئەرز قىلىشقا قۇتراتقانلار» دەپ شەرھلىگەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر «قارا گۇرۇھلار» ۋە «رەزىل كۈچلەر» نى تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق نىشانىنىڭ يەنىلا ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، يۇقىرىقى يېڭى ئۆستەڭ يېزىسىدىنلا 3500 دىن ئارتۇق ئۇچۇر يىغىۋېلىنىشى يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ يوقىلاڭ باھانىلەر بىلەن لاگېرغا قامىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.