گېرمانىيەلىك ئاتاقلىق تۈرك پۇتبول چولپىنى، ئىسپانىيە ئارسېنال كوماندىسىنىڭ پۇتبولچىسى مەسئۇد ئۆزىل 13-دېكابىر كۈنى تىۋېتتېردا پىكىر يېزىپ، مۇسۇلمانلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىگە كۆز يۇمۇش بىلەن ئەيىبلىدى.
مەسئۇد ئۆزىلنىڭ تىۋىتتېردا 24 مىليوندىن ئارتۇق ئەگەشكۈچىسى بار بولۇپ، ئۇنىڭ سۆزى تىۋىتتېردا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان. ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ سۆزىنى 17مىڭ ئادەم ھەمبەھىرلىگەن. مەسئۇد ئۆزىلنىڭ تىۋېتى خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئامېرىكانىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» گە قارشى كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقات قوزغاپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى رەت قىلىۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىنغان.
مەسئۇد ئۆزىل تىۋېتىدا ئۇيغۇرلارنى ئەرزىيەتكە قارشى تىرەجەۋاتقان «مۇجاھىد ۋە مۇجاھىدەلەر توپى»، «شانلىق مۆمىنلەر» دەپ تەرىپلىگەن. ئۇ مۇنداق دەپ يازغان: «قۇرئانلار كۆيدۈرۈلمەكتە. جامەلەر چېقىلماقتا، مەدرىسىلەر تاقالماقتا، دىنىي ئالىملار بىر-بىرلەپ ئۆلتۈرۈلمەكتە، ئەركەكلەر لاگېرلارغا قامىلىپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرىگە خىتاي ئەركەكلەر ئورۇنلاشتۇرۇلماقتا. ئاياللار خىتاي ئەركەكلىرىگە مەجبۇرىي ئۆيلەندۈرۈلمەكتە. بۇنىڭغا قارىماي مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ ئۈممەتلىرى سۈكۈت قىلماقتا، ئۇلارنىڭ زۇۋانى تۇتۇلماقتا. مۇسۇلمانلار ئىگە چىقمىدى، ئەجابا ئۇلار زۇلۇمغا رازى بولۇشنىڭ زۇلۇم ئىكەنلىكىنى بىلمەمدىغاندۇ؟»
مەسئۇد ئۆزىل يەنە بۇ مەسىلىنىڭ غەرب دۆلەتلىرىدە ۋە تاراتقۇلىرىدا كەڭ خەۋەر قىلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمان تاراتقۇلار ۋە دۆلەتلەر قەيەردە؟ زۇلۇم بولۇۋاتقان يەردە بىتەرەپ تۇرۇۋېلىشنىڭ نومۇسسىزلىق بولىدىغانلىقىنى ئۇلار بىلمەمدىغاندۇ؟ يىللاردىن كېيىن ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ ئېچىنىشلىق كۈنلەر ھەققىدە ئېسىدە قالىدىغىنى ھەرگىزمۇ زالىملارنىڭ ئىسكەنجىسى ئەمەس، بەلكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭ سۈكۈتى بولىدىغانلىقىنى بىلەمدىغاندۇ؟»
خىتاينىڭ 3 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مىللەتلەرنى لاگېرلارغا قاماپ، رايوندا ئومۇمىييۈزلۈك تەقىب ۋە مەجبۇرىي ئاسسىمىلىياتسىيە ئېلىپ بېرىشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ ئىزچىل كۈنتەرتىپىنى ئىگىلەپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ بۇنىڭغا كۆز يۇمۇشى، ھەتتا پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىردەك بەزى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينى قوللىشى ئۇيغۇرلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن ئىدى.