ئامېرىكىدىكى ۋودروۋ ۋىلسون مەركىزىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر دەۋرى تارىخى لايىھىسىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1934-1949-يىللىرىدىكى ئۇيغۇر دىيارىغا ئائىت مەخپىي ھۆججەتلىرى ئارخىپىدىن 1945-يىلى 29-ئاپرېل كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارى لاۋرېنتىي بېرىيا بىلەن تاشقى ئىشلار خەلق كومىسسارى ئاندرېي ۋىشېنسكىينىڭ بىرلىكتە سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي رەھبەرلىرى ستالىن ۋە مولوتوفقا يوللىغان ئىلى ئىنقىلابىنىڭ جەريانلىرى ۋە ئېرىشكەن غەلىبىلىرى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن قوزغىلاڭچىلارغا كۆرسىتىش كېرەك بولغان ياردەم لايىھىلىرى ھەققىدىكى مەخپىي دوكلاتىنىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمىسى ئېلان قىلىنغان.
ۋودروۋ ۋىلسون مەركىزىنىڭ تور بېتىدىن ئورۇن ئالغان مەزكۇر مەخپىي ھۆججەتتە، بېرىيا ۋە ۋىشېنسكىي 1944-يىلى، 12-نويابىر كۈنى غۇلجا قوزغىلىڭى نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقى، قوزغىلاڭچىلارنىڭ پۈتۈن ئىلى ۋىلايىتىنى تولۇق ئازاد قىلغانلىقى ۋە قوزغىلاڭچىلارنىڭ بۇ جەرياندا گومىنداڭ قوراللىق كۈچلىرىدىن ئولجا ئالغان قورال-ياراقلىرى، ئوق-دورا ۋە باشقا ئەسلىھەلىرىنىڭ تولۇق تىزىملىكى ھەم باشقا بىر قاتار مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار بايان قىلىنغان.
بېرىيا ۋە ۋىشېنسكىي ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر مەخپىي دوكلاتىدا يەنە، مىللىي ئارمىيە ۋە ئالتاي قازاق قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ سانى ھەم گومىنداڭ كۈچلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.
ئۇلار مەخپىي دوكلاتتا يەنە، ستالىن ۋە مولوتوف باشچىلىقىدىكى سىياسىي بيۇرودىن ئىلى ئىنقىلابىغا ۋە مىللىي ئارمىيەگە جىددىي كۆرسىتىش كېرەك بولغان يەتتە تۈرلۈك ھەربىي، سىياسىي ۋە ماددىي ياردەم لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ۋودروۋ ۋىلسون مەركىزى ئېلان قىلغان 22-ئىيۇندىكى يەنە بىر سوۋېت مەخپىي ھۆججىتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ستالىن سىياسىي بيۇروسى بۇ لايىھىگە پەقەت 1945-يىلى، 6-ئاينىڭ 22-كۈنى قوشۇلۇپ، مىللىي ئارمىيىنىڭ ئۈچ فرونت بويىچە گومىنداڭ ئارمىيىسىگە قارشى ھۇجۇمغا ئۆتۈشىگە ياردەم كۆرسەتكەن.
20-ئەسىر ئۇيغۇر دىيارى سىياسىي تارىخى، جۈملىدىن 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى سوۋېت، خىتاي مۇناسىۋەتلىرى نۆۋەتتە خەلقئارا تارىخشۇناسلىق ساھەسىدىكى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى بولماقتا.