مايك پومپېيونىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشى خىتاينى بەكمۇ بىئارام قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.01.01

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئۆزىنىڭ شەرقىي ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئون كۈنلۈك (27-دېكابىردىن 7-يانۋارغىچە) خىزمەت زىيارىتى جەريانىدا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھەبەرلىرى بىلەن مەخسۇس سۆھبەتتە بولىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھالدىن قاتتىق پەرىشان بولۇپ، دەرھال بۇنىڭغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كارنىيى بولغان «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» 1-يانۋار كۈنى مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مۇناسىۋىتىگە «شىنا قېقىش مەقسىدىگە يېتەلمەيدۇ» دەپ جاكارلىدى.

ماقالىدە «شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ‹ئۈچ خىل كۈچلەر› نىڭ ئورتاق تەھدىتىگە دۇچ كەلمەكتە» دېيىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى» ئېچىش ئارقىلىق «تېرورلۇق» ۋە «ئەسەبىيلىك» نى بىخ ھالىتىدىلا يوق قىلىۋەتكەنلىكىنى، شۇ سەۋەبتىن ئۆتكەن ئۈچ يىلدا ئۇيغۇر دىيارىدا ھېچقانداق زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن. شۇنداقلا «بۇ خىلدىكى ‹شىنجاڭچە ئۇسۇل› نى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئۈلگە قىلىشى لازىم» دەپ كۆرسەتكەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مايك پومپېيو بۇ قېتىم قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولىدىغان بولۇپ ئىزچىل ھالدا «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى تېرورلۇق ۋە ئەسەبىيلىك بىلەن ئالاقىسىز» دەپ تەكىتلەپ كەلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.