تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى چياڭبا پۇنكوگ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئېتنىك رايونلاردىكى مىللىي كەمسىتىش مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇرغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان چياڭبا كومىتېتنىڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى ئىككىنچى ئومۇمىي يىغىنىدا «مىللىي ئاپتونوم رايونلاردا قانۇننىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى» ھەققىدە دوكلات بەرگەندە قىلغان سۆزىدە، ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارشى يۈز بېرىۋاتقان كەمسىتىش مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ھەتتا خىتايلار خىزمەتكە ئورۇنلىشىشتا كەمسىتىلىشكە ئۇچراش ۋە بىر قىسىم مۇلازىمەتلەرگە ئېرىشەلمەسلىكتەك ئەھۋاللار يۈز بەردى. بولۇپمۇ قاتناش-ترانسپورت ئورۇنلىرىدا، چېگرا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئورۇنلىرى ۋە مېھمانخانىلاردا يۇقىرىدىكى مەسىلىلەر كۆرۈلدى.»
چياڭبا سۆزىدە يەنە، يۇقىرىقىدەك كەمسىتىش ئەھۋاللىرىنىڭ ئەكس تەسىر يارىتىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەردە كۈچلۈك جامائەت پىكرى پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ «مىللىي ئاپتونومىيە قانۇنلىرىغا خىلاپ بولغان بۇنداق ھەرىكەتلەر دەرھال تۈزىتىلىشى كېرەك» دەپ ئەسكەرتكەن.
ئۇنىڭ يۇقىرىدىكى بۇ سۆزلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەرىپىدىنمۇ ئېلان قىلىنغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقى بولسا خەۋىرىدە، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ مىللىي كەمسىتىش قىلمىشلىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېغىر دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.