ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونىدىكى نامايىش ۋە توقۇنۇشلار ھەققىدە توختالغان غەرب مۇتەخەسسىسلىرى ئۇيغۇر ئېلدىكى ۋەقەلەرنى «ئىرقىي توقۇنۇش» دېگەنگە قارىغاندا، «مىللىي قارشىلىق ھەرىكىتى» دەپ ئاتاش تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ سۆزلەرنى ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئالىي لېكتورى بەن ھىللمان، كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئاسىيا تىللىرى ۋە مەدەنىيەت فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى گراي تۇتتېل يېقىندا نەشرىدىن چىققان «تىبەت ۋە شىنجاڭدىكى ئېتنىك توقۇنۇش، قارشىلىق: خىتاينىڭ غەربىدىكى مالىمانچىلىق» ناملىق كىتابى ھەققىدە نيۇ - يورك ۋاقىت گېزىتىدە ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتتە ئوتتۇرىغا قويغان.
بەن ھىللمان مۇنداق دېگەن: «‹ئېتنىك توقۇنۇش› ئاتالغۇسى ئومۇمى جەھەتتىن ئېيتقاندا ئېتنىك توپلۇقلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشىنى كۆرسىتىدۇ، ئەمما ‹مىللىي قارشىلىق› بىر ئېتنىك توپلۇقنىڭ دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە قارىتا ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. يېقىندىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان كۆلەملىك ۋەقەلەرنى مىللىي قارشىلىق ھەرىكىتى دەپ سۈرەتلەشكە بولىدۇ.»
گراي تۇتتېل ئەپەندىمۇ ھىللمان ئەپەندىمنىڭ يۇقىرىقى قاراشلىرىغا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئېتنىك توپلۇقلار ئارىسىدا كۆپلەپ كۆرۈلۈۋاتقان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرىگە بولغان نارازىلىقتىن كېلىپ چىققان.»
ئۇلار يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەردە يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى چەتئەللەردىكى بۆلگۈنچى كۈچلەرگە باغلاپ، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي سىياسەتلىرىگە قاراپ چىقىشىنى رەت قىلىپ كەلگەنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن.
ھىللمان ئەپەندىم ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتى ۋە يېقىندا ئوتتۇرا قويۇلغان «بىر يول؛ بىر بەلۋاغ سىياسىتى» تۈپەيلى خىتاينىڭ مەزكۇر رايونلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، «تىبەت ۋە شىنجاڭدىكى ئېتنىك توقۇنۇش، قارشىلىق: خىتاينىڭ غەربىدىكى مالىمانچىلىق» ناملىق كىتابقا خىتاينىڭ مەزكۇر رايونلارغا قاراتقان مىللىي، ئىقتىسادىي سىياسەتلىرى باھالانغان ماقالىلەر كىرگۈزۈلگەن.
بۇ ھەقتە توختالغان ھىللمان ئەپەندىم: «توپلامغا كىرگۈزۈلگەن تەتقىقات مېۋىلىرى شۇنى كۆرسىتىدۇكى، خىتاي ئىقتىساد ھەممىنى ھەل قىلىدۇ، دەپ قاراپ، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ ئىستەكلىرىنى خاتا چۈشىنىپ قېلىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ كىشىلەرنىڭ تەرەققىيات پاراۋوزىنىڭ غەربىي رايونلارغا سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ ئۇلغىيىۋاتقان مەدەنىيەت مەۋجۇتلۇق ئەندىشىلىرىگە چوقۇم جىددىي قارىشى كېرەك.»
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، دىنى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىگە قارىتىلغان چەكلەش سىياسەتلىرىنى كۈچەيتىشكە باشلىغان. ئۇيغۇر ۋە غەرب كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ مەزكۇر سىياسىتىگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ كەلگەن بولسىمۇ، خىتاي پەرۋا قىلمىغان ئىدى.
