«ئاسىيا كىندىكى تورى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق «كۈسەن تەتقىقات يۇرتى» يېقىندىن بۇيان چەتئەل مۇزېيلىرىدا ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى كۈسەنگە دائىر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سۈرۈشتە قىلماقتىكەن.
15-يانۋار كۈنى كۈسەن تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ لى بايانات بېرىپ، رۇسىيە ئەرمىتاج مۇزېيىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن بىرلىشىپ قىزىل مىڭ ئۆيلىرى تام رەسىملىرىنى بىرلىكتە تەتقىق قىلىشقا قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، قىزىل مىڭ ئۆيلىرى ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ بۇددىزم دەۋرىدە ياراتقان ئەڭ مۇھىم مەدەنىيەت-سەنئەت مىراسلىرى بولۇپ، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا گېرمانىيە، رۇسىيە، ئەنگلىيە، ياپونىيە قاتارلىق ئەللەرنىڭ ئېكسپېدىتسىيە ئۆمەكلىرى بۇ جايدىن كۆپلىگەن تام رەسىملىرىنى ئېلىپ كەتكەن.
ھازىر گېرمانىيەنىڭ بېرلىن سەنئەت مۇزېيىدا قىزىل مىڭ ئۆيىدىن ئېلىپ كېتىلگەن تام رەسىمىدىن 220 پارچە بار بولۇپ، ھەجمى تەخمىنەن 500 كۋادرات مېتىردىن ئاشىدىكەن. ئۇندىن باشقا رۇسىيەنىڭ ئەرمىتاج مۇزېيىدا قىزىل مىڭ ئۆيىدىن ئېلىپ كېتىلگەن تام رەسىملىرى 100 پارچىدىن كۆپ ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى تۈرلۈك يوللار بىلەن چەتئەللەردە ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىغا مۇناسىۋەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە باشقا ئىلمىي يىغمىلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلماقتىكەن.
