ئىچكى موڭغۇلنىڭ پايتەختى كۆكخوتقا يەر داۋاسى قىلىپ كەلگەن 45 ياشلىق موڭغۇل ئەرزدار تۆمۇرنىڭ 19 - يانۋار ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، كۆكخوت شەھىرىدىكى 300 دىن ئارتۇق موڭغۇل ئەرزدارنىڭ نارازىلىق نامايىشى يۈز بەردى.
چەتئەللەردىكى موڭغۇل تەشكىلاتلىرىدىن جەنۇبىي موڭغولىيە ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا بىلدۈرۈشىچە، 26 - يانۋار دۈشەنبە كۈنى كۆكخوت شەھىرىدە نامايىش قىلغان 300 دىن ئارتۇق موڭغۇل ئەرزدار ھۆكۈمەتتىن يايلاقنى چارۋىچىلارغا قايتۇرۇپ بېرىشنىى، موڭغۇل چارۋىچىلىرى ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ شوئار توۋلىغان.
يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئىچكى موڭغۇلدا موڭغۇللارنىڭ يايلاقلىرىنى ئىگىلىۋالغان خىتاي شىركەتلىرى بىلەن يەرلىك موڭغۇل چارۋىچىلارنىڭ زىددىيىتى كۈچەيگەن. بۇ سەۋەبلىك يەرلىك موڭغۇل چارۋىچىلىرى يايلاق داۋاسى ۋە بۇلغانغان مۇھىتقا نارازىلىق بىلدۈرۈپ كۆپ قېتىم نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بارغان. ئۆتكەن ھەپتە يەنى 20 - يانۋار كۈنى ئىچكى موڭغۇلنىڭ شىلىنغۇل يايلىقىدا موڭغۇل چارۋىچىلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشى يۈز بەرگەن ئىدى.