خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار سەئۇدى دائىرىلىرىنى تۇتقۇندىكى 4 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىرىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھد شاھزادىسى مۇھەممەت بىن سالمان خىتاينىڭ «شىنجاڭ سىياسىتىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. خوڭكوڭدا چىقىدىغان «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 16-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، مۇھەممەت بىن سالمان بۇ سۆزلەرنى ئۆتكەن جۈمە كۈنى، يەنى 15-ئاپرېل خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفون سۆزلەشكەندە شى جنپىڭغا ئېيتقان.
«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ باياناتىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، سۆھبەتتە شى جىنپىڭ بىلەن مۇھەممەت بىن سالمان ئۇكرائىنا مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىككى دۆلەتنىڭ ئاچقۇچلۇق تەرەققىيات پىلانلىرىنى ئۆز ئارا قوللاشقىمۇ كېلىشكەن. خەۋەردە، ئۇكرائىنا ئۇرۇشى يېقىلغۇ باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر ۋاقىتتا، شى جىنپىڭنىڭ مۇھەممەت بىن سالمانغا خىتاي ئېنېرگىيە ساھەسىدە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بولغان «يۇقىرى سەۋىيەدىكى ھەمكارلىقنى ساقلاپ قالىدۇ» دېگەنلىكى، شۇنداقلا «سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغانلىقى» نى ئېيتقانلىقى تەكىتلەنگەن.
«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» نىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ مەزكۇر تېلېفون سۆھبىتىگە ئائىت باياناتىدا، مۇھەممەت بىن سالماننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى سىياسىتىنى «قەتئىي قوللايدىغانلىقى»، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ھەر بىر دۆلەت ئۆزىنىڭ سىياسىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق يولىدا مېڭىش ھەققى بار» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. مۇھەممەت بىن سالماننىڭ شى جىنپىڭ بىلەن بولغان تېلېفون سۆھبىتى سەئۇدى ھۆكۈمىتى خەلقئارانىڭ بېسىمىدا تۇتقۇندىكى بىر ئۇيغۇر ئايال بىلەن ئۇنىڭ 13 ياشلىق قىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى ۋاقىتلىق توختىتىپ ئارقىدىنلا ئۆتكۈزۈلگەن.
