مۇجاھىد يۈسۈپنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بايانلىرىغا قارىتا تەنقىد ياغدى

مالايسىيانىڭ ئىسلام ئىشلىرى مىنىستىرى مۇجاھىد يۈسۈپ راۋا ئۆزىنىڭ خىتايدىكى سەككىز كۈنلۈك زىيارىتىدىن كېيىن مىليونلىغان ئۇيغۇرلار قامالغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ھەققىدە سۆز قىلىپ: «مەن زىيارەت جەريانىدا شۇنى كۆردۈمكى، بۇ ئورۇنلار مەشىق ۋە كەسپىي ماھارەت مەركىزى ئىكەن» دېگەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى بۇ بايانلىرىغا تەرەپ-تەرەپتىن تەنقىدلەر يېغىشقا باشلىدى.

بۇنىڭغا دەسلەپ بولۇپ خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ مالايسىيا تارمىقى قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى ھەمدە ئۇنى قاراپ تۇرۇپ يالغاننى توقۇغان، دەپ ئەيىبلىدى. ئۇلار بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىشلار ھەققىدە بىز بىرىنچى قول مەلۇماتلارغا ئىگە. خىتاي كومپارتىيەسىگە سادىق ئەمەس، دەپ قارالغانلىكى كىشىلەر ھازىر تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا قامىلىۋاتىدۇ» دېگەن.

بۇنىڭدىن باشقا «ئەركىن مالايسىيا» گېزىتى، «دېموكراتىك ھەرىكەت پارتىيەسى» قاتارلىقلارمۇ مۇجاھىد يۈسۈپنىڭ بايانلىرىنى قاتتىق تەنقىدلىگەن. كۇئالالۇمپۇردىكى «ئىسلام گۈللىنىش فرونتى» نىڭ قۇرغۇچىسى ئەخمەد فارۇق مۇسا بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «مۇجاھىد يۈسۈپ روشەنكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقات قۇربانى بولۇپ كەتكەن» دېگەن.