«تاشقىي سىياسەت» ژۇرنىلىدا «مۇستەقىللىق شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن مېڭىلىدىغان بىردىنبىر يولدۇر» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىندى

يېقىندا «تاشقى سىياسەت» ژورنىلىدا «يېخەن» تەخەللەسلۇق بىر ئاپتورنىڭ «مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىش ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە پايدىسىز بولۇشى مۇمكىن» ناملىق بىر ماقالىسى ئېلان قىلىنىپ، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.

ئۇ بۇ ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا پايدىسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە، كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقنى خالىمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

بۇنىڭغا چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى دەرھال كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرغان ۋە رەددىيە بەرگەن.

11-ئاۋغۇست كۈنى پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى مەمتىمىن ئەلا ئەپەندى بىلەن ئامېرىكادىكى «شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتى» نىڭ قۇرغۇچىسى سالىھ خۇدايار «تاشقى سىياسەت» ژورنىلىدا بىرلەشمە ماقالە ئېلان قىلىپ، يۇقىرىدىكى «يېخەن» تەخەللۇسلۇق ئاپتورنىڭ ماقالىسىغا رەددىيە بەرگەن.

ئۇلار «مۇستەقىللىق شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن مېڭىلىدىغان بىردىنبىر يولدۇر» دەپ ماۋزۇ قويغان بۇ ماقالىسدەخىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان مۇستەملىكىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قىرغىنچىلىقنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇلار ماقالىسىدا «مۇستەقىللىق ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ قىرغىنچىلىقىدىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈشتىكى بىردىنبىر يولدۇر،» دەپ كۆرسەتكەن.

ئۇلار ماقالىسىدە تارىخىي مىساللار ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ھېچقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ بىخەتەر ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئەجداتلىرىدىن قالغان زېمىنىدا تىنچ، ئەركىن ۋە مۇستەقىل ياشاشقا موھتاج، چۈنكى بۇنى خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. مۇستەقىللىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز غۇرۇرى بىلەن تىنچ ۋە ئەركىن ياشىشىنىڭ بىردىنبىر يولىدۇر،» دەپ تەكىتلىگەن.