ئامېرىكا، كانادا، گوللاندىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كەلگەن قەبىھ جىنايەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىغان بولسىمۇ، مۇسۇلمان دۆلەتلەردىن يەنىلا سادا يوق. 4-ماي «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە بۇ ھەقتە بىر ئوبزۇر ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە داۋاملىق سۈكۈت قىلىشى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىكەن.
2019-يىل سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، مىسىر قاتارلىق 37 دۆلەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە بىرلەشمە ئىمزالىق ئوچۇق مەكتۇب يوللاپ، خىتاينىڭ «كىشىلىك ھوقۇق خىزمەتلىرىگە قوشقان تۆھپىسى» نى ماختىغان بولۇپ، خىتاينىڭ «‹ئۈچ خىل كۈچ› كە قارشى تۇرۇپ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدىغانلىقى» نى مۇئەييەنلەشتۈرگەنىدى. يۇقىرىقى ئۈچ دۆلەت يەنە ئۆز تېرىتورىيەسىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ تەلىپى بويىچە قايتۇرۇپ بەرگەن.
يۇقىرىقى ئوبزۇردا بۇ «ئىسلام ئەللىرى» نىڭ خىتاينىڭ جىنايىتىگە سۈكۈت قىلىشى، ھەتتا ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشىنىڭ تۈپ سەۋەبى تەھلىل قىلىنغان. بۇنىڭ بىرىنچىسى ئىقتىساد بولۇپ، خىتاي بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم مەبلەغ سالغۇچىسى ھەم نېفىت سودىسىدىكى ئەڭ ئاساسلىق خېرىدارى. خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى بۇ ھەمكارلىقنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىگەن بولۇپ، ئىقتىسادتىن ھالقىپ سىياسىي مەنپەئەتكە كېڭەيگەن. ئىران، قاتار، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا بېقىنىپ قالغاچقا، سۈكۈت قىلىش يولىنى تاللىۋالغان. 2009-يىل خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى قەتلىئامىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغان ئەردوغان، بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ تىزگىنى ئاستىدا لام-جىم دېيەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان.
ئىككىنچى سەۋەب، خىتاينىڭ ئالدامچىلىقى بولۇپ، خىتاي بىر ياقتىن ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى قىيناپ، مەسچىتلەرنى چېقىپ، ئىسلام دىنىنى بۇ رايوندىن تامامەن يوقىتىش ھەرىكىتىنى داۋام قىلىۋاتقاندا، بىر ياقتىن «بىز ئەسەبىي كۈچلەرگە، تېررورچىلارغا زەربە بېرىۋاتىمىز، بۇ جەھەتتە سىلەر بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە» دەپ، مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ كۆزىنى بويىغان. خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى بۇ تەشۋىقاتتا ئاكتىپ رول ئوينىغان. نەتىجىدە مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى بۇ يالغانچىلىققا ئىشەنگەن، ئىشەنگەندەك بولۇۋالغان ياكى ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى دەپ ھەقىقىي ئەھۋالغا كۆز يۇمغان.
