نەنسىي پېلوسى: «خىتاينىڭ جازاسى ھېچقاچان بىزنى قورقۇتالمايدۇ!»

2021-يىلى دېكابىردا خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ تۆت نەپەر خادىمىغا جازا ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلان قىلغان ئېمبارگو چارىلىرىگە «قايتۇرما زەربە» بېرىشكە ئۇرۇنغانىدى. 5-يانۋار كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي پېلوسى خانىم بايانات ئېلان قىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل جازالىرى ھېچقاچان بىزنى قورقۇتالمايدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

نەنسىي پېلوسى خانىمنىڭ ئىشخانىسى ئېلان قىلغان باياناتتا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان، شۇنداقلا ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى نىشان قىلغان جازا تەدبىرلىرى كەسكىن ئەيىبلەندى. شۇنداقلا بۇنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بايانلىرى ھەمدە ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېىننىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» غا ئىمزا قويۇشىدىن ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. باياناتتا نەنسىي پېلوسى خانىم ئېنىق قىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئ‍ۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى دەپسەندە قىلىشى ئېنىقلا قىرغىنچىلىقتۇر. ئەمما خىتاينىڭ باشقىلارنى قورقۇتماقچى بولۇشتەك بۇ خىل ۋاسىتىلىرى بىزنىڭ بىر تال مويىمىزنىمۇ تەۋرىتەلمەيدۇ» دېگەن.

باياناتنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقاچان كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى ئاۋانگارتلار بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقى، شۇنداقلا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى دەپسەندىچىلىك قىلمىشىغا قارشى داۋاملىق كۈرەش قىلىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ.