نەنسىي پېلوسىنىڭ زىيارىتىدىن ئاچچىقلانغان خىتاي تەيۋەن ئەتراپىدا ھەربىي مانېۋىر باشلىۋەتكەن

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسىي پېلوسى تەيۋەندىكى زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ بىر كۈندىن كېيىن خىتاي تەيۋەنگە يېقىن دېڭىز رايونلىرىدا ھەربىي مانېۋىرىنى باشلىۋەتكەن.

س ن ن تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، خىتاي بۇ ھەربىي مانېۋىرىدا تەيۋەننىڭ شىمالى، جەنۇبى ۋە شەرقىدە كەم دېگەندە 11 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقان بولۇپ، بۇ بومبىلارنىڭ 5 دانىسى ياپونىيەگە تەۋە دېڭىز رايونلىرىغا چۈشكەن. بىراق، خىتاي ئارمىيەسى «باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ ھەممىسى نىشانغا دەل زەربە بەردى» دەپ جاكارلىغان.

ياپونىيە تەرەپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن بولۇپ، ياپونىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نوبۇو كىشى سۆزىدە «بۇ بىزنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىمىز ۋە پۇقرالىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئېغىر مەسىلە» دېگەن.

ھالبۇكى خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ مانېۋىردىن بىر كۈن بۇرۇن يەنى 3-ئاۋغۇست چارشەنبە كۈنىدىكى قىلغان سۆزىدە بېيجىڭنىڭ ئۇ دېڭىز رايونىنى ياپونىيەگە تەۋە دەپ ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىكەن.

تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن بولسا 4-ئاۋغۇست، پەيشەنبە كۈنى كەچتە سىن ئارقىلىق نۇتۇق سۆزلىگەندە خىتاينىڭ ھەربىي مانېۋىرىنى «تەيۋەن ئۈچۈنلا ئەمەس، خەلقئارا جەمئىيەت ئۈچۈنمۇ بىر مەسئۇلىيەتسىزلىك» دەپ ئاتىغان.

پرېزىدېنت سەي يىڭۋېن خانىم باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «خىتاي بۈگۈن تەيۋەن ئەتراپىدىكى رايونلاردا ھەربىي مانېۋىر قىلىۋاتىدۇ. بىز بېيجىڭنى ئەقىل بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىرىمىز. تەيۋەن توقۇنۇشنى كەسكىنلەشتۈرمەيدۇ، ئەمما بىز ئىگىلىك ھوقۇقىمىزنى، بىخەتەرلىكىمىزنى ۋە دېموكراتىيەمىزنى قەتئىي قوغدايمىز».

س ن ن تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، گەرچە ھازىرچە بۇ مانېۋىرنىڭ بىر ھەربىي توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن ئاز بولسىمۇ، ئەمما ۋەزىيەتنىڭ قاش بىلەن كىرپىك ئارىسىدا ئۆزگىرىش مۇمكىنچىلىكى بار ئىكەن.