ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسى پېلوسى، ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىقى، خوڭكوڭدا دېموكراتىيەنى باستۇرغانلىقىغا قارىماي، ھاۋا كىلىمات مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكادىكى «دۆلەتلىك تەقرىز» ژۇرنىلىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى»، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» قانۇن قاتارلىق قانۇن-ماددىلارنى ماقۇللىشىدا ھالقىلىق رول ئوينىغان پېلۇسى خانىم، بۇ پىكىرنى 17-سېنتەبىر لوندوندا باشلانغان G-7 دۆلەتلىرى پارلامېنت باشلىقلىرىنىڭ يىغىنى ھارپىسىدا ئېيتقان.
ئۇ، خىتاي «جەنۇبىي دېڭىزدا ھەربىي تاجاۋۇزچىلىق قىلىۋاتقان، شىنجاڭ ئۆلكىسىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان، تىبەتنىڭ مەدەنىيەت، تىل، دىنىي جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىگە دەخلى تەرز قىلىۋاتقان، خوڭكوڭ ۋە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا دېموكراتىيەنى باستۇرغان» بولسىمۇ، بىراق «كىلىمات كرىزىسىدا خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىش كېرەكلىكى» نى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، كىلىمات مەسىلىسى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان جىددىي مەسىلە ئىكەن.
پېلۇسى خانىم «بۇلارنىڭ ھەممىسى دېيىلگەندىن كېيىنمۇ…. . بىز ھەممىمىز كىلىمات مەسىلىسىدە ئورتاق تىرىشىشىمىز كېرەك. كىلىمات ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان مەسىلە شۇنداقلا خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىدىغان دۆلەت». لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن كىلىمات مەسىلىسىدە ھەمكارلىشىشقا ئىزچىل شەرت قوشۇپ كەلدى. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا تەرەپكە ۋىزا چەكلىمىسىنى بوشىتىش، خىتاينى تەھدىت، دەپ قارىماسلىق، خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قويۇلغان ئېمبارگونى بىكار قىلىش قاتارلىق تەلەپلەرنى قويغانىكەن.
