Nike ۋە H&M ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن خىتايلارنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان

دۇنيا بويىچە تونۇلىدىغان كىيىم-كېچەك ماركىلىرى Nike ۋە H&M ئۇيغۇرلارنىڭ پاختا مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ساھەسىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن ئەندىشىلەنگەنلىكىنى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك ئاساسدىكى پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، چەتئەللەردە زور ئالقىشقا ئېرىشكەنىدى. بىراق يېقىنقى ئىككى كۈندىن بۇيان تۇيۇقسىزلا خىتايدا بۇ ماركىلارنى تەنقىدلەش، بويقۇت قىلىش ھەرىكەتلىرى قوزغۇلۇپ كەتكەن.

خىتاينىڭ ۋېيبو تورىدا نۇرغۇن خىتايلار بۇ ماركىلارنى تىللاپ ھاقارەتلىگەن، بەزى خىتاي چولپانلىرى بۇ ماركىلار بولغان ئالاقىسىنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىغان، ھەتتا ئالىبابا قاتارلىق خىتاي تور سودا سۇپىلىرىدىن H&M ماركىسىنىڭ ماللىرى چىقىرىۋېتىلگەن.

ئەسلىدە H&M شىركىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىغان بولغان ئەندىشىسى ھەققىدىكى باياناتىنى ئۆتكەن يىلى سېنتەبىردە ئېلان قىلغان ۋە خىتايدىكى پاختا مەھسۇلاتلىرى تەمىنلەش زەنجىرلىرى بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىغانىدى. رويتېرسنىڭ ئېيتىشىچە، Nike شركىتىنىڭ بۇ باياناتنى قاچان ئېلان قىلغانلىقى ئېنىق بولمىسىمۇ ئەمما ئۇمۇ يېڭى ئەمەس ئىكەن.

بۇ ماركىلارنىڭ كونا باياناتلىرىنىڭ قانداق بولۇپ ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە خىتايدىكى تور بەتلەردە پەيدا بولۇپ قالغانلىقى ئېنىق ئەمەس ئەمما ئۇنىڭ دەل بۇ ھەپتە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە كانادا قاتارلىقلار بىرلىكتە خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە ئورگانلىرىغا جازا تەدبىرىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن پەيدا بولۇشى دىققەت قوزغايدىكەن.

گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز بۇ ھەقتە تىۋىتتىردا يازغان ئۇچۇرىدا بۇ ھەقتە توختۇلۇپ «بۇ بېيجىڭنىڭ شىنجاڭغا ئائىت مەسىلىلەردىكى ئاساسلىق ئىستراتېگىيەلىك ئۆزگىرىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئىككىنچى مىسال. يەنى خىتاي ھازىر شىنجاڭدىكى مەسىلىلەرنى ئاكتىپلىق بىلەن ئىنكار قىلىشتىن ئاكتىپلىق بىلەن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە ئۆزگەرتتى. ھازىر ئۇ غەرب شىركەتلىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە شېرىك بولۇشقا مەجبۇرلاۋاتىدۇ» دەپ يازغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى داۋاملىق تۈردە خىتاي خەلقىنى دۇنيادىكى داڭلىق ماركىلارنى بويقۇت قىلىشقا كۈشكۈرتۈش، ئۇنى دۆلەتنىڭ ئىززەت-ئابرويى مەسىلىسى قىلىۋېلىشتەك ۋاستىلەر ئارقىلىق ئۇنى خەلقئارادا ئۆزىگە ياقمايدىغان سۆز-ھەرىكەتلەرنى چەكلەشنىڭ ئۇسۇلى قىلىۋالغانىدى. بۇ قېتىملىق ھەرىكەتتە خىتاينىڭ بۇ مەقسىتى يەنىمۇ ئېنىق ئاشكارىلانغان.

ئادرىيان زېنزك سۆزىدە ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا قاتارلىق دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەخسۇس قانۇن ئارقىلىق چوقۇم خىتاينىڭ بۇ تاكتىكىسىغا زەربە بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتايدىكى تەشۋىقات ئاپاراتلىرى ھازىر بەس-بەستە تەشۋىقات ۋىدىيولىرىنى ئىشلەپ تارقىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ پاختا مەھسۇلاتلىرى ساھەسىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنماقتا.