نۇرى تۈركەل «2021-يىللىق دۇنيادىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك 50 رەھبەر» تىزىملىكىگە كىرگەن

دۇنياغا مەشھۇر «فوربېس» (Forbes) ژۇرنىلى بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدىغان «بايلىق» (Fortune) ژۇرنىلى يېقىندا «2021-يىللىق دۇنيادىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك 50 رەھبەر» تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئادۋوكات ۋە ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل بۇ تىزىملىككە كىرگەن.

«بايلىق» ژۇرنىلىنىڭ نۇرى تۈركەلگە بەرگەن باھاسىدا مۇنداق دېيىلگەن: «نۇرى تۈركەل داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسىدۇر. ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمىتى ئۆزى تۇغۇلغان دىياردىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا مەركەزلەشكەن. ئۇ يەنە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ھەيئىتىنىڭ رەئىسى. ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسى پېلوسى ئۆتكەن يىل ئۇنى ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى قىلىپ تەيىنلىدى. ئۇ خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە يەرلىك خەلققە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتايدىن پاختا، توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە باشقا ماللارنى ئىمپورت قىلماسلىق ھەققىدە قارار چىقىرىشىغا تۈرتكە بولدى. ئۇ يەنە كۈچلۈك سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ، ئامېرىكا شىركەتلىرىنى مال تەمىنلەش لىنىيەسىنى قايتا بەرپا قىلىش ۋە خىتايدىن سودا ئالاقىسىنى ئۈزۈشكە چاقىردى».

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، «بايلىق» ژۇرنىلى ھەر يىلى دۇنيادا تەسىرى بار چوڭ شەخسلەر، رەھبەرلەر، شىركەت لىدېرلىرى، ھۆكۈمەت خادىملىرى، سەھىيە ۋە خەير-ساخاۋەت ئورۇنلىرىدا تۆھپە ياراتقانلار، تەنتەربىيە ۋە سەنئەت ساھەسىدە ئالاھىدە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلەر، ئومۇمەن ئۆز دائىرىسىدە مۇھىم رول ئوينايدىغان قابىل يېتەكچىلەر ۋە ئۈلگىلىك كىشىلەرنى تاللاپ «دۇنيادىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك 50 رەھبەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزىدىكەن.

بۇ قېتىمقى تىزىملىكتە يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئايال باش مىنىستېرى جەسېندا ئاردېرن 1-ئورۇنغا، نۇرى تۈركەل 17-ئورۇنغا، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن مالالا يۈسۈپزادە 31-ئورۇنغا تىزىلغان.