يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى ئورتاق باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بىر قىسمەت ئۇلارنىڭ ۋەتىنىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى، شۇنىڭدەك بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرا ھالقىغان زۇلۇملىرىنىڭ قۇربانى سۈپىتىدە غەيرىي رەسمىي شەكىلدە «گۆرۈ» گە ئېلىنىشى بولۇپ كەلمەكتە. مۇھاجىرەت ھاياتىدىكى كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق بولغان بۇ خىل روھىي پاجىئە نۇرىي تۈركەل ئىمزاسىدا 11-ئاپرېل كۈنى «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» گېزىتىدە تەپسىلىي شەرھلەندى.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ماقالىسىدە ئۆز كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئۆتكەن 20 يىل مابەينىدە ئىزچىل ئۆزىنى قىيناپ كەلگەن بىر قاتار روھىي بېسىملارنى ساناپ ئۆتىدۇ. نۇرى تۈركەلنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى جاۋابكارلىققا تارتىش يولىدىكى كومىسسارلىق خىزمىتى تۈپەيلىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جازا ئېلان قىلىشىغا دۇچ كەلگەن بولسا، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئامېرىكا تەۋەسىدىكى پەرزەنتلىرىنى ۋە نەۋرىلىرىنى كۆرۈشتىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان. ھەتتا 2022-يىلى ئاپرېلدا دادىسى ۋاپات بولغاندا نۇرى تۈركەلگە ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئىمكانىمۇ بولمىغان. 20 يىللىق جۇدالىقتىن كېيىن ئانىسى بىلەن ئامېرىكا تەۋەسىدە جەم بولۇشقا شۇنچە تىرىشقان بولسىمۇ ئانىسىغا پاسپورت بېرىلمىگەنلىكتىن بۇ ئارزۇسىمۇ ئەمەلگە ئاشمىغان. ئانىسى بۇ ھەقتە خىيالەن «پەرزەنتلىرىم بىلەن شۇنچە يىل جۇدا بولغۇدەك نېمە گۇناھ قىلدىم؟ گۇناھىم نۇرىنى بۇ دۇنياغا ئېلىپ كەلگىنىم ۋە ئۇنىڭ ئانىسى بولغانلىقىممۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولىدىغان بولسا 20 يىل بۇنىڭغا يەتمەمدۇ؟» دەپ سوئال قويسىمۇ بۇنىڭغا جاۋاب تېپىلمىغان. بۇ ئىشلارغا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەۋەسىدىكى بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئارىلىشىپ باققان بولسىمۇ «يا ئۆزى بارالماسلىق، يا ئۇلار كېلەلمەسلىك» تەك مۈشكۈلاتتا نەتىجە چىقمىغان.
نۇرى تۈركەل مۇشۇ ئىشلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى دەل مۇشۇ خىل روھىي پاجىئەنىڭ ئازابىنى تارتماقتا. ئامېرىكا پۇقرالىقىنى ئېلىپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك مەمۇرىي ئەمەلدارى بولغان مېنىڭ ھالىم بۇ بولسا مىڭلىغان باشقا ئۇيغۇرنىڭ ھالى قانداق بولماقچىدى؟» دەپ سوئال قويىدۇ.
نۇرى تۈركەلنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىزچىل داۋام قىلدۇرۇپ كەلگەن «دىپلوماتىيە شەكلىدە ئارىلىشىش» تەك ئاغزاكى مەسىلە ھەل قىلىش چارىسى خىتايغا ئاقمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى قىلمىشلىرى ئۈچۈن تېگىشلىك جازاغا ئۇچرىمىسا ئۇلار يەنىلا بىلگىنىنى قىلىۋېرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي زۇلۇمدىن قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلارنى ماكانلاشتۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ ھەقىقىي بىخەتەرلىكىگە كېپىللىك قىلىشنى ئالدىن ئويلىشىش بىلەن بىرگە مۇشۇ خىلدىكى روھى پاجىئەنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بىۋاسىتە قول تىقىشى، بۇ جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ ھەرىكەتلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشى، شۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە كۈچلۈك بىر ئاگاھلاندۇرۇش يوللىشى نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم چارىلەردىن ھېسابلىنىدۇ.
