ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما كۇبانىڭ گۇەنتانامو ئارىلىدىكى ھەربىي تۈرمىسىنى تاقاش ئىرادىسىنى يەنە بىر قېتىم بىلدۈردى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ مەزكۇر مەسىلىدىكى مەيدانى ئەيىبلىدى.
نۆۋەتتە گۇەنتانامو تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 166 نەپەر مەھبۇسنىڭ 86 نەپىرى ئاللىبۇرۇن قويۇپ بېرىلىشكە ھازىرلانغان.
بۇلارنىڭ ئىچىدە 3 نەپەر ئۇيغۇرمۇ بار.
ئامېرىكا دائىرىلىرى بۇ ئۇيغۇرلارنى نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىلا «دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس» دەپ، بېكىتكەن. ھالبۇكى، بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشقا بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇلار يەرلەشتۈرىلىدىغان مۇۋاپىق بىر جاي تېپىلغىچە گۇەنتانامودا ساقلاپ تۇرۇلماقتا ئىدى.
گۇەنتاناموغا ئەسلى 21 - نەپەر ئۇيغۇر قامالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ 18 نەپىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بىخەتەر دۆلەتلەرگە يۆتكەلگەن.
ئوباما 2009 - يىلى پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا گۇەنتانامو تۈرمىسىنى تاقاش بۇيرۇقنامىسىگە ئىمزا قويغان. مەزكۇر بۇيرۇق تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ھازىرقىغىچە، ئەمەلىيلەشمەي كەلگەن.