ئامېرىكادىن كېيىن ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە، كانادامۇ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلدى

ئامېرىكانىڭ بايدېن ھۆكۈمىتى 6-دېكابىر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىشى سەۋەبلىك بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان كېيىن، ئەنگلىيە، كانادا ۋە ئاۋسترالىيەمۇ بۇ سەپكە قوشۇلدى. ئەنگلىيە باش مىنىستىرى بورىس جونسوننىڭ ئېيتىشىچە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى قىشلىق ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىپ، ئۇنىڭغا ھېچقانداق ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ئەۋەتمەيدىكەن. ئۇ بۇ سۆزلەرنى 8-دېكابىر ئەنگلىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ يىغىنىدا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋابەن ئېيتقان.

بورىس جونسوننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئىلگىرى خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ بىلەن سۆزلەشكەندە ئۇنىڭغا ئەنگلىيەنىڭ قىشلىق ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭغا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ: «مەن ئاخىرقى قېتىم شى جىنپىڭ بىلەن سۆزلەشكەندە ئېيتقىنىمدەك ھۆكۈمەت بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا ئىككىلەنمىدى. مەن ئۇنىڭغا بېيجىڭ قىشلىق ‍ئولىمپىكىنىڭ ئۈنۈملۈك شەكىلدە دىپلوماتىك بايقۇت قىلىنىشى مۇمكىنلىكى، ئۇنىڭغا ھېچبىر مىنىستىرنىڭ قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېيتتىم» دېگەن.

‍ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يەنە ئاۋسترالىيە بىلەن كانادامۇ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى تۈپەيلى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىغا ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاۋسترالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋسترالىيە باش مىنىستىر سكوت مورىسون 8-دېكابىر مۇخبىرلارغا ئاۋسترالىيە تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغانلىقى، ئەمما ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە سىياسىيونلارنىڭ قاتناشمايدىغانلىقىنى دەلىللىگەن.

ئۇ ؛ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋسترالىيە ئىزچىل ئوتتۇرا قويۇپ كەلگەن شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشقا ئ‍ۆزىنى ھازىرلىمىغانلىقى» نى ئېيتقان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇ كۈنى يەنە كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدېئو خىتاينىڭ ئۇزۇندىن بېرى غەربنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇققا بولغان ئەندىشىلىرىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «(شۇڭا) بىزنىڭ دىپلوماتىك ۋەكىل ئەۋەتمەسلىكنى قارار قىلىشىمىز ھەيران قالارلىق ئىش بولماسلىقى كېرەك» دېگەن.