خىتاي ساھىبخانلىق قىلماقچى بولۇۋاتقان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى يېقىنلاۋاتقاندا 250 تىن كۆپرەك پۇقراۋىي تەشكىلاتلار بىرلەشمە مەكتۇپ تەييارلاپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا يوللىدى ھەمدە ئۇلارنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ئوچۇق مەكتۇپنى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خىتايلار، موڭغۇللار ۋە تەيۋەنلىكلەرنىڭ مۇھاجىرەتتىكى تەشكىلاتلىرى تەييارلاپ چىققان بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۈچ يىلدا بىر ئېچىلىدىغان باشلىقلار يىغىنى ھارپىسىدا ئۇلارغا تاپشۇرۇلغان.
مەزكۇر ئوچۇق مەكتۇپتا 9-دېكابىر كۈنى مۇستەقىل خاراكتېردىكى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ «خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە غەرەزلىك ھالدا سىستېمىلىق شەكىل ئالغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىجرا قىلىۋاتىدۇ» دېگەن مەزمۇندا سوت ھۆكۈمى چىقارغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن. شۇنىڭدەك «مۇشۇنداق قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقان بىر دۆلەتنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلماسلىق ھەمدە ئۇنىڭغا قاتنىشىش ماھىيەتتە ئاشۇ قىرغىنچىلىق ۋە زۇلۇمغا شېرىك بولغانلىققا باراۋەر،» دەپ كۆرسىتىلگەن.
ئوچۇق مەكتۇپتا يەنە بىر مىليون تىبەت ئۆسمۈرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەسىس قىلغان ياتاقلىق مەكتەپلەرگە يىغىۋېلىنغانلىقى، خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە نامايىشلىرىغا ئىشتىراك قىلغان پائالىيەتچىلەرنىڭ قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشى قاتارلىق ئەھۋاللارمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. شۇنىڭدەك ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق ئەللەرنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلغانلىقى، بۇنداق ئەھۋالدا ياۋروپا ئتتىپاقىنىڭ بۇ مۇسابىقىنى بىرلەشمە شەكىلدە دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشى، «تارىخنىڭ توغرا تەرىپىنى تاللاش بولىدىغانلىقى» ئالاھىدە تەكىتلىنگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مەكتۇپقا دولقۇن ئەيسا، بۇچۇڭ سېرېڭ، تېڭ بياۋ، روشەن ئابباس، ئېنگېباتۇ توگوچوگ، ئۆمەر قانات قاتارلىق كىشىلەر ياۋروپا، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق جايلاردىكى 250 تىن ئارتۇق پۇقراۋىي تەشكىلاتقا ۋاكالىتەن ئىمزا قويغان.