رويترېس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكى خەلقئارا ئەركىنلىك بۆلۈمىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى دانىيەل نادىل 12-ماي كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىقاچان ئۇيغۇر رايونىنى «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» گە ئايلاندۇرغانلىقىنى ئېيتقان. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكى يەنە بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئېتىقادچلىرىغا يۈرگۈزگەن دىنىي زىيانكەشلىكىنى ئەيبلىگەن.
دانىيەل نادىل مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ ئاتالمىش كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى تۇتۇپ تۇرۇشى ھەم نازارەت قىلىشى ماھىيەتتىن ئېيتقاندا ئۇ رايوننى ‹ئۈستى ئوچۇق تۈرمە› گە ئايلاندۇرغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. كىشىلەرنىڭ پائالىيىتى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈلىدۇ، بەزىلىرى ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەرگە بېرىپ ئۇلارنى نازارەت قىلىدۇ. كىشىلەر بازارغا بارسا دۇكانلاردا ئۆزىنى تىزىملىىتىشى كېرەك». ئۇ يەنە خىتايدىكى مۇسۇلمانلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەنلىكىنى ئېيتقان.
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكى ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەھۋالىدىن دوكلات بېرىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر دوكلاتتا يەنە خىتايدىكى باشقا دىن مەنسۇپلىرىنىڭمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىغا ئائىت مەلۇماتلار بار ئىكەن.
