ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زور كۆلەملىك سىياسىي باستۇرۇش ھەققىدە كۆپلەپ مەلۇماتلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمۇ كىشىلەرنىڭ دىققەت-نەزىرىنى قوزغاۋاتقانلىقى مەلۇم.
«يارۋو-ئاسىيا تورى» دا 1-ئىيۇل ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدا مەخسۇس ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلىدۇ. ماقالىغا يىپ ئۇچى بولغان ئۇيغۇر تىجارەتچى گۇلئاغچا خانىم ئۈرۈمچىدىن تاشكەنتكە مال توشۇپ ساتىدىغان بولۇپ، ھەر قېتىم كەلگەندە زەرىفىخان ئىسىملىك ئۇيغۇر دوستىنىڭ ئۆيىگە چۈشىدىكەن. ئۆتكەن يىلىنىڭ مۇشۇنداق مەزگىللىرىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەتكەن گۇلئاغچىنىڭ ھېچقانداق خەۋىرى بولمىغان. ئۇنى بىلىدىغان تاشكەنتتىكى ئۇيغۇرلار ئۇنى لاگېرلارنىڭ بىرىگە قامالغان، دەپ تەخمىن قىلىشماقتا ئىكەن.
گەرچە قازاقىستاندىكى قازاقلار ئۇيغۇرلار دىيارىدا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئىزدەك-سورىقىنى قىلىپ يۈرگەن بولسىمۇ، ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلار بۇنداق قىلالمىغان. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى مەۋجۇتلۇقى ھەرقاچان باشقىچە شەكىلدە ئىپادىلىنىپ كەلمەكتە ئىكەن.
تاشكەنتتە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلاردىن فەررۇقنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر شېرىكىمۇ ئۆزى لاگېرغا قامىلىش، زاۋۇتى مۇسادىرە قىلىنىشتەك پاجىئەگە دۇچ كەلگەن. ئەمما بۇ ھادىسىلەر ھېچقاچان ئۆزبېكىستاندىكى مەتبۇئاتلاردا تىلغا ئېلىنمايدىكەن. سانكىتپېتىربۇرگ شەھىرىدىكى ئىقتىسادشۇناس سېرگېي ئاباشىن بۇ مەسىلە ھەققىدە توختىلىپ: «خىتاي بىلەن ئۆزبېكىستان ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتى بۇنىڭدىكى ئاساسىي سەۋەب. يەنە بىر ياقتىن ئۆزبېكىستان پۈتۈنلەي بېكىنمە ھالەتتىكى بىر مەملىكەت. ئۇ جايدىكى پۇقرالار تاشقى دۇنيادا نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىش ھەققىگە ئىگە ئەمەس» دېگەن.
ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1989-يىلى ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 36 مىڭ، دېيىلگەن ئىكەن. 2000-يىلىغا كەلگەندە بۇ سان 20 مىڭغا چۈشۈپ قالغان. ئەمما ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر، جۈملىدىن تاشكەنت دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى ئابلەت خوجايېۋ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بۇنىڭدىن سەكسەن يىل ئىلگىرى ئوتتۇرا ئاسىيادا بىر يېرىم مىليون ئۇيغۇر بار ئىدى. قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندا ئۇيغۇرلار ئۆز كىملىكىنى ساقلاپ قالالىدى. ئەمما ئۆزبېكىستاندا بۇنىڭغا يول قويۇلمىغانلىقتىن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كەتتى» دېگەن.
ئۇ بۇ ھەقتە قىزىقارلىق قىلىپ: «1990-يىللىرى خىتاي باش مىنىستىرى لى پېڭ تاشكەنتكە زىيارەتكە كەلگەندە ئۆزبېكىستاننىڭ پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموفدىن ‹ئۆزبېكىستاندا قانچىلىك ئۇيغۇر بار؟› دەپ سورىغان. ئىسلام كەرىموف ‹ئۆزبېكىستاندا ئۇيغۇر دەپ مىللەت يوق!› دەپ جاۋاب بەرگەن» دېگەن ھېكايىنى سۆزلەپ بەرگەن.
