ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلاردا يېتىۋاتقان ئۆزبېكلەرنى سۈرۈشتە قىلىش تەلەپ قىلىندى

ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان لاگېرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىمۇ ئويغىنىش پەيدا قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسى ئۆزبېك بۆلۈمىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، يېقىندا بىر قىسىم ئۆزبېك ژۇرنالىست ۋە پائالىيەتچىلەر ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان لاگېرلار مەسىلىسى ھەققىدە ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى شاۋكەت مىرزىيايېفقا بىر مۇراجىئەتنامە يوللىغان.

ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان قايتا تەربىيە لاگېرلىرىدا مىليونلىغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز بىلەن بىرلىكتە ئۆزبېكلەرنىڭمۇ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان بۇ مۇراجىئەتنامىدە قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان ھۆكۈمەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۆز مىللەتداشلىرى ئۈستىدىكى بېسىمىنى سۈرۈشتۈرگەنلىكى ۋە ئۇنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغانلىقى، شۇڭا ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭمۇ لاگېرلاردىكى ئۆزبېكلەرنى سۈرۈشتە قىلىشى كېرەكلىكى بايان قىلىنغان.

يۇقىرىدىكى بۇ ئۆزبېك ژۇرنالىست ۋە پائالىيەتچىلەر مۇراجىئەتنامىسىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلاردا ھازىر مىڭلىغان ئۆزبېك بارلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

يۇقىرىدىكى بۇ مۇراجىئەتنامىگە ئىمزا قويغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان ئۆزبېك زىيالىيسى ئەنۋەر نازىر «ئامېرىكا ئاۋازى» غا قىلغان سۆزىدە ھازىر شەۋكەت مىرزىيايېف ھۆكۈمىتىدىن خىتايدا ياشايدىغان ئۆزبېكلەرنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشىنى كۈتۈش قىيىن بولسىمۇ، ئەمما مۇشۇنداق بىر مەسىلە بارلىقىدىن ئۆزبېك جامائەتچىلىكىنىڭ خەۋىرى بولۇشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ سۆزىدە «بىز پەقەت شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپلا قالماي، بەلكى ئۇ يەردىكى ئۆزبېكلەرنىڭ مەسىلىسىگىمۇ دىققەت قىلىۋاتىمىز. شەرقىي تۈركىستاندا خېلى كۆپ ئۆزبېكلەر ياشايدۇ. ئەمما جامائەتچىلىكنىڭ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋىرى يوق» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان لاگېر تۈزۈمىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە قازاق، قىرغىز ۋە ئۆزبېك قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرمۇ ئوخشاش ئۇچراۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ۋەزىيىتى نۆۋەتتە قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي دۆلەتلىرىدىكى جامائەت ئارىسىدىمۇ ئىنكاس قوزغىماقتا ھەم بۇ ھەقتىكى ماقالە ۋە خەۋەرلەرمۇ بارغانسېرى كۆپەيمەكتە ئىكەن.