ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى پاسپورت بېجىرىشتىكى يېڭى بەلگىلىمىسىنى ئېلان قىلغان
2015.01.30
تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۈرۈمچى نوپۇسىدىكى ئاھالىلەرنىڭ پاسپورت بېجىرىشتىكى ئەڭ يېڭى بەلگىلىمىسىنى ئېلان قىلغان.
ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئېتىبارەن ئۈرۈمچى نوپۇسىدىكى ھۆكۈمەت خىزمىتى قىلمايدىغان پۇقرالار، يەنى يەككە كارخانىچىلار ۋە تىجارەتچىلەر ھەمدە ئىشسىزلار پاسپورت ئالماقچى بولسا، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ساقچىخانىلارغا بېرىپ بىۋاسىتە ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن. ھۆكۈمەت خىزمىتى قىلىدىغانلار بۇرۇنقىدەك چېگرادىن كىرىپ-چىقىش ئىدارىسىنىڭ كۈتۈش زالىغا بېرىپ ئىلتىماس قىلىدىكەن.
ئۇقتۇرۇشتا يەنە، پاسپورتقا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇپ 15 خىزمەت كۈنىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىدىن پاسپورتىنى ئالالايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
كۆزەتكۈچىلەر، دائىرىلەرنىڭ ئىلگىرىمۇ پاسپورت ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا مۇشۇ خىلدىكى بەلگىلىمىلەرنى چىقارغانلىقىنى، بۇ سىياسەتلەردىن خىتاي پۇقرالىرى بەھرىمەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلارغا كەلگەندە ئۇنىڭ ئاقمايدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.