ئۈرۈمچى ئاخباراتلىرىغا قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كورلا شەھىرىدە ئەڭ چوڭ باختا ئالماشتۇرۇش بازىسى قۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، چەتئەل تېخنىكىسىنى ئۇيغۇر ئېلى پاختا ساھەسىگە جەلپ قىلىشقا باشلىدى.
دائىرىلەر 7 - سېنتەبىر ئۈرۈمچىدە بىر مۇھاكىمە يىغىن چاقىرىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پاختىچىلىق ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ئىتالىيە توقۇمىچىلىق سانائىتىگە مۇناسىۋەتلىك شىركەتلەرلەگە تونۇشتۇرغان
يىغىنغا قاتناشقان ئىتالىيە سودىگەرلەر بىرلەشمىسى رەئىسى لسپىنا ئەپەندى مەزكۇر يىغىننىڭ ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنى چوڭ تىپىكى پاختا بازىسىغا ئايلاندۇرغاندىن كېيىن، بىڭتۇەن دائىرىلىرى ھەسسىلەپ پايدىغا ئېرىشكەن. يەرلىكلەر پاختىلىرىنى بىڭتۇەن كونتروللۇقىدىكى بازاردا يۇقىرى باھادا ساتالماي كۆپ قىيىنچىلىق تارتقا ئىدى.