ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىش ھەققىدىكى تەكلىپىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئۇ 19-ئاۋغۇست كۈنى «نيۇ-يورك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، خىتاي تەكلىپ قىلغان بۇنداق زىيارەتنىڭ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان، تەشۋىقات خاراكتېرلىك بىر سەپەر بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ: «ئۇ يەردە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ساياھەت قىلىشنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى يوق،» دېگەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «يەر شارى ماگنىتسسكىي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» نى ئىشلىتىپ، خىتاينىڭ چېن چۈەنگو، جۇ خەيلۇن قاتارلىق ئۇيغۇر رايونىدىكى 4 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىغا ئېمبارگو يۈرگۈزگەندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 16-ئىيۇل كۈنىدىكى باياناتىدا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونى ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىشقا «تەكلىپ قىلغان» ئىدى. خۇا چۈنيىڭ شۇ كۈنىدىكى سۆزىدە «مايك پومپېيو شىنجاڭنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنمايۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ بېقىشى كېرەك، شىنجاڭدا جازا لاگېرى يوق،» دېگەن.
مايك پومپېيو «نيۇ-يورك پوچتىسى» غا قىلغان سۆزىدە خۇا چۈنيىڭنىڭ يۇقىرىقى سۆزىنىڭ يالغانلىقىنى، شۇڭا ئۇنىڭ بۇ تەكلىپىنىمۇ سەمىمىي بىر تەكلىپ دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ: «مەن ئۇلاردىن ھەقىقىي سەمىمىي تەكلىپ كېلىپ، بىز كۆرۈشنى خالايدىغان يەرلەرنى خالىغىنىمىزچە زىيارەت قىلالايدىغان بولغۇچە ساقلايمەن. بىز ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن خىزمەتلەرنى قىلىشىمىز كېرەك،» دېگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان جازا لاگېرلىرىنى ھەر بىر پۇرسەتتە تىلغا ئېلىپ، تەنقىدلەپ كەلمەكتە. ئۇ تېخى يېقىندا چېخ جۇمھۇرىيىتىگە قىلغان رەسمىي زىيارىتى مەزگىلىدىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى جازا لاگېرلىرىنى «بۇ ئەسىرنىڭ يۈزىگە چۈشكەن داغ» دەپ تەسۋىرلىگەن ئىدى.