خىتايدا تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى پۇ جىچاڭ 14-ئاپرېل ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدىن ئۈندىدارغا ئۇچۇر يوللاپ، بېيجىڭ ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ ئۇنىڭ 19 يىللىق ئادۋوكاتلىق كىنىشكىسىنى بىكار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. پۇ جىچاڭ 14-ئاپرېل ئەتىگەن يەنە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇچۇرنىڭ راستلىقىنى دەلىللىگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن:«شۇنداق، مەن ئەسلى ئادۋوكات دوستلىرىمغا ئۆزۈمنىڭ ئەمدى ئادۋوكاتلىق قىلالمايدىغانلىقىمنى ئۇقتۇرۇپ قويماقچى ئىدىم. بەلكىم كېيىنكى كۈنلەردە ۋەزىيەت ئۆزگەرسە قايتىدىن ئادۋوكاتلىق قىلىدىغان پۇرسەتمۇ بولۇپ قالار.»
پۇ جىچاڭ ئەي ۋېيۋېي قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ ئادۋوكاتلىقىنى ئۈستىگە ئالغان خىتايدىكى تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنىڭ بىرى. ئۇ ئۈزلۈكسىز ھالدا خىتاينىڭ مۇقىملىق قانۇنى، مىللىي سىياسىتى ۋە خىتايدىكى پۇقرالارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىدىكى چەكلىمىلەرنى تەنقىدلەپ كەلگەن.
ئۇ يەنە 2013-يىلى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ مال-مۈلكىنى ئاۋامغا ئاشكارىلاش ھەرىكىتى قوزغىغۇچىلارنىڭ بىرى. ئۇ، 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدا «تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى خاتىرىلەش مۇھاكىمە يىغىنى» تەشكىللىگەنلىكى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان.
2014-يىلى 1-مارت كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدىكى ۋەقە يۈز بەرگەندە، بېيجىڭدىكى ئادۋوكات پۇ جىچاڭ تۋىتتېر تورىغا ئۇچۇر يوللاپ «دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مۇقىملىق نامىدىكى قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە ياتاق بېرىلمەسلىك، قوغلىنىش قاتارلىق ھۆكۈمەت پەيدا قىلغان كەمسىتىشكە ئۇچرىشى ئۇيغۇرلارنىڭ رادىكاللىق يولىغا مېڭىشىغا سەۋەب بولغانلىقى» نى تەكىتلىگەن.
ئەينى چاغدا پۇ جىچاڭ يەنە، ياپونىيە مۇخبىرىغا كۇنمىڭدا يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە توختىلىپ: «ھازىر ھەممىدىن قورقۇنچلۇقى ھۆكۈمەتنىڭ ۋەقەدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇشى» دېگەن ئىدى.
