11 ئۆسمۈرنىڭ جېنىغا زامىن بولغان قاتناش قازاسى قەستەن چىقىرىلغان ئىكەن

خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 11 ئۆسمۈرنىڭ جېنىغا زامىن بولغان قاتناش قازاسى قەستەن چىقىرىلغان ئىكەن.

شىنخۇا ئاخباراتىنىڭ جۈمە كۈندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاپتوبۇس شوپۇرى مائاشىنىڭ كېسىلىشى ۋە ئارتۇق ئىشلەش ۋاقتى قاتارلىقلارغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاپتوبۇسقا قەستەن ئوت قويغان.

نەتىجىدە 5 نەپەر كورېيەلىك ئۆسمۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 ئۆسمۈر ئوتتا كۆيۈپ ئۆلگەن. بۇ ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋە شوپۇرمۇ جېنىدىن ئايرىلغان.

ۋەقە خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، قازاغا ئۇچرىغان ئۆسمۈرلەرنىڭ يېشى 3 ياشتىن 6 ياشقىچە بولۇپ، ئۇلار ئەينى چاغدا ۋېيخەي شەھىرىدىكى بىر خەلقئارالىق يەسلىگە ئېلىپ مېڭىلغان ئىكەن.

ھالبۇكى خىتاي ئاخباراتلىرىدا ھازىرغىچە ئەينى چاغدا ئاپتوبۇستا جەمئىي قانچە ئادەم بارلىقى، بۇلارنىڭ قانچىسى قازاغا ئۇچراپ، يەنە قانچىسىنىڭ ساق قالغانلىقى ۋە بۇلارنىڭ كىملىكىگە دائىر ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلانمىدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي قاتناش ھادىسىلىرى ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، قاتناش قازاسىغا دائىر ئۇچۇرلارنى دائىم مەخپىي تۇتىدىكەن.

ھالبۇكى، 2013-يىلدىكى بىر سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، خىتايدا شۇ يىلى 250 مىڭدەك ئادەم قاتناش قازاسىدا جېنىدىن ئايرىلغان ئىكەن.