ھىندونېزىيەدىكى ئۇيغۇر تۇتقۇن خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلگەن

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.09.27

2015-يىلىدىن بۇيان ھىندونېزىيە تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان ئۇيغۇر تۇتقۇنلاردىن ئەھمەد بوزئوغلان 2022-يىلى ئىيۇلدا جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن. يېقىندا ھىندونېزىيە ساقچى دائىرىلىرى يېقىندا بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقىنى دەلىللىگەن.

«بېنار خەۋەرلىرى» نىڭ 27-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ھىندونېزىيە ساقچىلىرى ئۇنىڭ خىتايدىكى قايسى شەھەرگە قايتۇرۇۋېتىلگەنلىكىدىن خەۋىرى يوق ئىكەنلىكىنى، ئەمما بۇ يىل 35 ياشقا كىرگەن ھەمدە تۈركىيە پاسپورتى بىلەن تۇتۇلغان ئەھمەد بوزئوغلاننىڭ 1-ئىيۇل كۈنى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن ھامان خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكىنى ئېيتقان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا ئەھمەد ۋە ئۇنىڭ ئۈچ دوستى «ساختا پاسپورت بىلەن ھىندونېزىيە چېگراسىدىن ئۆتكەن ھەمدە دائىش تەشكىلاتىغا قاتناشماقچى بولغان» دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە قولغا ئېلىنغان باشقا ئۈچ ئۇيغۇر ياش 2020-يىلى ھىندونېزىيە تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن. سوتتا ئۇلارغا قويۇلغان 100 مىليون رۇپىيە (تەخمىنەن يەتتە مىڭ ئامېرىكا دوللىرى) جەرىمانىنى خىتاي ھۆكۈمىتى تولۇق تۆلىۋەتكەن. شۇ ۋاقىتتا بۇ ئۈچەيلەنمۇ تۈركىيە پاسپورتى بىلەن قولغا ئېلىنغان ئىكەن. جاكارتا شەھىرىدىكى «ئاشقۇنلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش تەتقىقات مەركىزى» نىڭ تەتقىقاتچىسى موخادى بخاكتى (Moh Adhe Bhakti) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «ئەھمەدنىڭ ئەھۋالىمۇ ئىلگىرىكىلەردىن پەرق قىلمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈچ شېرىكىنى ئەينى ۋاقىتتا ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى تۈركىيەگە قايتۇرماقچى بولغاندا تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا ئۇنىمىغان ئىدى» دەيدۇ.

بۇ خىلدىكى خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ئاساسەن ئۆلۈم جازاسى بىلەن ئاخىرلىشىپ كەلگەن بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ياكى خىتايغا قوشنا بولغان دۆلەتلەردىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاشۇ خىلدىكى ئېچىنىشلىق قىسمەتكە ئۇچرىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.