قازاقىستان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاساسلىق سودا شېرىكىگە ئايلانغان

«ئوتتۇرا ئاسىيا ۋاقتى» (The Times of Central Asia) تورىنىڭ 2024-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، 2024-يىلى بىرىنچى پەسىلدە قازاقىستان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاساسلىق سودا شېرىكىگە ئايلانغان. يىل بېشىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دۇنيادىكى 193 دۆلەت ۋە رايون بىلەن سودا قىلغان. قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان بىلەن بولغان ئىمپورت ۋە ئېكسپورت مىقدارى ئايرىم-ئايرىم ھالدا%58.8 ۋە %1.9 ئاشقان..

خىتاي باش تاموژنا مەھكىمىسى (GCA) نىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، بۇلتۇر قازاقىستان بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئوبوروتى %63 ئېشىپ، 20 مىليارد 300 مىليون دوللارغا يەتكەن.

ھازىر قازاقىستان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەڭ چوڭ ۋە ئاساسلىق سودا شېرىكىگە ئايلانغان.

2023-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا خىتاي قازاقىستاننىڭ ئاساسلىق سودا شېرىكىگە ئايلىنىپ، رۇسىيەنىڭ ئالدىغا ئۆتكەن. خىتاي قازاقىستاننى ئاپتوموبىل، كومپيۇتېر ۋە پىلاستىك ماتېرىيال قاتارلىق مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىرلىكتە قازاقىستاندىن نېفىت، تەبىئىي گاز، ئۇران ۋە باشقا رۇدىلارنى ئىمپورت قىلماقتا.

جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پىروفېسسورى دوكتور شان روبېرتس (Sean R. Roberts) نىڭ قارىشىچە، قازاقىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بۇ يېقىن مۇناسىۋەت بۇرۇنلا باشلانغان ئىكەن. رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى ۋە بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان رۇسىيە تەھدىتى ۋە رۇسىيەگە يۈرگۈزۈلگەن كۆپلىگەن چەكلىمە ۋە ئېمبارگولار قازاقىستاننى خىتايغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرماقتىكەن.