قەشقەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى تاشقى سودا كۆلىمى بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن

خىتاينىڭ قەشقەرنى ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي ۋە جەنۇبىي ئاسىياغا سودا-ئىقتىسادىي جەھەتتىن كېڭىيىشىدىكى ئاساسىي مەركەزگە ئايلاندۇرۇشنى كۈچەيتىشى نەتىجىسىدە قەشقەرنىڭ تاشقى سودىدىكى ئورنى ئۇيغۇر ئېلى ھەتتا خىتاينىڭ غەربىي قىسمىدىكى شەھەرلىرى ئارىسىدا ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلىمەكتە.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 2024-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2024-يىلىنىڭ بىرىنچى پەسىلدە، قەشقەر رايونىنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 25 مىليارد 250 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %83.4 ئاشقان. ئۇيغۇر دىيارىدىكى بارلىق ۋىلايەت ۋە شەھەرلەر ئىچىدە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن .

قەشقەر تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، قىرغىزىستان، قازاقىستان ۋە تاجىكىستان قەشقەرنىڭ ئالدىنقى ئۈچ سودا شېرىكى بولۇپ، بۇ ئۈچ دۆلەت بىلەن بولغان ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى قەشقەرنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %46.3 نى ئىگىلەيدىكەن. «بىر بەلباغ بىر يول» سىستېمىسىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىدە قەشقەرنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت قىممىتى يەنە %69.2 ئاشقان.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى قەشقەرنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۈچ «ئەركىن سودا رايونى» نىڭ بىرى، دەپ ئېلان قىلغان. ئۇنىڭدىن بۇرۇن، بولۇپمۇ 2017-يىلىدىن باشلاپ قەشقەرگە نۇرغۇن ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى يۆتكەپ چىققان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، نەتىجىدە قەشقەر خىتاينىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك پىروگراممىسى ئەڭ مەركەزلەشكەن رايونلارنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇلغانىدى.

تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزغا ئوخشاش كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى بويىچە خىتاي شىركەتلىرى ۋە مەھسۇلاتلىرىغا چەكلىمە قويغاندىن كېيىن، بۇ چەكلىمىلەردىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ئۆز مەھسۇلاتلىرى قەشقەر ۋە باشقا جايلار ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىشنى كۈچەيتمەكتە.