قەشقەر تۇمشۇقتا خىيانەتچى ئەمەلدارنى پاش قىلغۇچى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان

خىتاينىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق يېزا ئىگىلىك 3-دېۋىزىيىسىگە تەۋە بولغان تۇمشۇق شەھىرىنىڭ سوت باشلىقى ئۈستىدىن ئۆتكەن يىلى دېۋىزىيىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا ئەرز چۈشكەن.

ئەرزنامىدە سوت باشلىقى ۋاڭ يۈچياڭنىڭ ھوقۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ ئومۇمنىڭ مال-مۈلكىنى شەخسىي مال-مۈلۈك ئورنىدا ئىشلەتكەنلىكى پاش قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋاڭ يۈچياڭنىڭ ئانىسىنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا شەھەرنىڭ سوت، ساقچى ۋە تەپتىش ئورۇنلىرىنىڭ خىزمەت ئاپتوموبىللىرىدىن باشقا، ئالاھىدە ساقچى قىسمىنىڭ برونېۋىكلىرىمۇ قاتناشتۇرۇلغان.

ۋاڭ يۈچياڭ يەنە ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا ئىدارىسىنىڭ ئاپتوموبىلى بىلەن ئايالى ۋە قىزى بىلەن بىرلىكتە قەشقەر تۇمشۇقتىن يولغا چىقىپ يۇرتى گەنسۇغا بارغان ھەمدە چىڭخەي قاتارلىق جايلارنىمۇ ئايلىنىپ ساياھەت قىلغان. ۋاڭ يۈچياڭنىڭ بۇ قىلمىشلىرى پاش قىلىنغاندىن كېيىن، دېۋىزىيە دائىرىلىرى ۋاڭ يۈچياڭغا پەقەت ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەرگەن.

ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئەھۋالنى پاش قىلغۇچىغا نامەلۇم جىنايەت ئارتىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان ۋە پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. بۇ ئەھۋال زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ يېقىنلىرى تەرىپىدىن بۈگۈن ئامېرىكىدا چىقىدىغان خىتايچە بۈيۈك ئېرا گېزىتىگە ئېلخەت ئارقىلىق پاش قىلىنغان. ئېلخەتتە نۆۋەتتە بۇ خىل يولسىزلىق ۋە زوراۋانلىقنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.