«قىرغىنچىلىق ساياھىتى» نىڭ قۇمۇل سەھنىسىدىكى يېڭى تەشۋىقاتلار دىققەت قوزغىدى
2024.08.21
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردا زور كۈچ بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقان «ساياھەتچىلىك ئارقىلىق شىنجاڭ ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ياخشى بايان قىلىشى» مەزمۇنىدىكى تەشۋىقاتلار مەركىزىي شەھەر بولغان ئۈرۈمچىدىن تەدرىجىي ھالدا باشقا ۋىلايەت ۋە شەھەرلەرگە كېڭىيىۋاتقانلىقى مەلۇم. خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 21-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە قۇمۇل ۋىلايىتىدىكى يارداڭ جىلغىسى نۆۋەتتە خىتاي ساياھەتچىلەرنى مۇشۇ خىلدىكى تەشۋىقاتقا جەلپ قىلىشنىڭ ۋاسىتىسىگە ئايلىنىپ قالغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن سەللا كىچىك بولغان قۇمۇل ۋىلايىتى خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاجايىپ-غارايىپ تەبىئەت مەنزىرىسىدىن ۋە كارىز يوللىرىدىن ھۇزۇر ئالىدىغان مۇھىم سەيلىگاھلىرىدىن بولۇپ قالغان. بولۇپمۇ يارداڭ تەۋەسىدىكى قىيالىقلاردا كەچقۇرۇنلۇقى يۇلتۇز كۆرۈش نۆۋەتتىكى قۇمۇل ساياھىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن بولۇپ، بۇ ئىشلارغا مەنسۇپ خىتاي مۇتەخەسسىسلەردىن ۋاڭ جۈنفېڭ مۇخبىرلارغا «ھازىر قۇمۇل رايونى گىرىمسەن ئاسماندا يۇلتۇز تاماشاسى قىلىشتا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ساياھەت ئورنىغا ئايلاندى» دېگەن.
خىتاي مۇتەخەسسىسلەر ئىزچىل «شىنجاڭنىڭ دەرۋازىسى» دەپ قاراپ كېلىۋاتقان قۇمۇل رايونى ئۆتكەن سەككىز يىلدا باشقا ۋىلايەت ۋە شەھەرلەردىن پەرقسىز رەۋىشتە «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» دەپ ئاتالغان باستۇرۇش ۋە زور كۆلەملىك تۇتقۇننى باشتىن كەچۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىزچىل تۈردە خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ كۆمۈر قېزىش بازىلىرىدىن بىرى ھەمدە «غەربنىڭ ئېنېرگىيەسىنى شەرققە يۆتكەش» قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم ئۆتۈشمە بولغان. ئەمما خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قۇمۇلدىكى مەسئۇللىرىدىن ليۇ شۆخۇا بۇ ھەقتە توختىلىپ «قۇمۇل ھازىر مەدەنىيەت ۋە تارىخقا ئائىت ئىزلارنى ساقلاپ قېلىشتا ئۈلگە ياراتماقتا. شۇ ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزۇن تارىخىنى نامايان قىلىشقا تۆھپە قوشماقتا» دېگەن.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2024-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا قۇمۇل ۋىلايىتى سەككىز مىليوندىن كۆپرەك ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان. ئەمما ھازىر بۇ خىلدىكى ساياھەتلەرنى تەشكىللەۋاتقانلار ھەمدە بۇنىڭغا ئىشتىراك قىلىۋاتقانلارنىڭ بىردەك خىتايلار ئىكەنلىكى، بۇ خىل ساياھەت پائالىيەتلىرىنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقى ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم، دەپ قارالماقتا.