ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قىرغىزىستاندا ئىسلام دىنى خادىملىرىغا ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ بۈيۈك كلاسسىك مەنىۋى مىراسلىرىدىن «قۇتادغۇ بىلىگ»دىن دەرس ئۆتۈش يولغا قويۇلغان.
قىرغىزىستاننىڭ «24.كگ» ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قىرغىزىستاندىكى «ئىمان» فوندىنىڭ رەئىسى قىرغىزىستاندىكى ئىماملارغا يۈسۈپ بالاساغۇنىنىڭ «قۇتادغۇ بىلىگ» ناملىق ئەسىرىدىن دەرس ئۆتۈش باشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
«قۇتادغۇ بىلىگ» 11-ئەسىردە ئىسسىق كۆل ئەتراپىدىكى بالاساغۇن شەھىرىدە تۇغۇلۇپ، ھاياتىنى قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ پايتەختى قەشقەردە ئۆتكۈزگەن ۋە شۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ دىداكتىك داستانىدۇر. يۈسۈپكە قاراخانىيلار ئوردىسى تەرىپىدىن «خاس ھاجىپلىق» ئۇنۋانى بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ ئادەتتە يۈسۈپ ھاس ھاجىپ دەپ ئاتالغان.
قىرغىزلار ھازىر يۈسۈپ ھاس ھاجىپنى«جۈسۈف بالاساغىنى» دەپ ئاتىشىدۇ.
مەلۇم بولۇشىچە، قىرغىزىستاندا ئىماملارغا «قۇتادغۇ بىلىگ»تىن دەرس ئۆتۈش 2016-يىلى، يۈسۈپ ھاس ھاجىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن باشلانغان ئىكەن، چۈنكى يۈسۈپ ھاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىگ» ناملىق بۈيۈك ئەسىرىدە دىنغا، ئىلىم-پەنگە، كىشىلىك ئەخلاق-پەزىلەكە ئائىت كۆپلىگەن تەلىماتلار ئورۇن ئالغانلىقى ئۈچۈن مەزكۇر ئەسەردىكى بىر قىسىم پارچىلار دەرس سۈپىتىدە تاللانغان. ئىماملار دەرس ئاخىرىدا ئۆزلىرى ئۆگەنگەن ماتېرىياللار بويىچە ئىمتىھان بېرىدىكەن.
«قۇتادغۇ بىلىگ» ئەسىرى كۆپ خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى شېئىرى ۋە نەسرىي نۇسخىسى ھەم فاكسىمىلى 20-ئەسىرنىڭ 80-90-يىللىرىدا يورۇق كۆرگەن. شۇنىڭدەك بۇ ئەسەر ھەققىدە كۆپلىگەن تەتقىقاتلار، شەرھىلەشلەر مەيدانغا كەلدى ۋە ھەتتا ئەسەرنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىمۇ ئېلان قىلىنغان.