يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ھەر خىل ناملاردىكى قىزىل تەشۋىقات پائالىيەتلىرىگە ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ كۆپىيىشى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.
خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىدا «7-ماي كۈنى ئاۋات ناھىيەسىنىڭ بەشئېرىق بازىرىدا ئۈچ چاقلىق موتسىكلىت ھەيدىگەن 1000 غا يېقىن دېھقاننىڭ بازار تەۋەسىدىكى ھەممە كەنتكە بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقاتى ئېلىپ بارغان» لىقى ھەققىدىكى سۈرەتلىك خەۋەر بېسىلدى. خەۋەردە يەنە بۇ ئاتالمىش «قىزىل تەشۋىقات موتسىكلىت» ئىغا خىتاي دۆلەت بايرىقى قادالغانلىقى، بىر تەرىپىگە خىتاي كاتتىۋاشلىرىنىڭ رەسىمى، يەنە بىر تەرىپىگە قىزىل تەشۋىقات شوئارلىرى يېزىلغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، مەزكۇر موتسىكلىتىنىڭ ئاۋات ناھىيەسىنىڭ بەشئېرىق بازىرىدىكى دېھقان پارتىيە ئەزاسى تۆمۈر قادىر تەرىپىدىن ياسالغانلىقى ھەم ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ پۇل چىقىرىشى بىلەن بۇ خىل موتسىكلىتلاردىن 1000 دانە ياسىلىپ، يېزىدىكى دېھقانلار سەپەرۋەر قىلىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقى تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى : «خەلقئارادا بۇ خىل ھەرىكەتلەر ‹مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدىكى قىزىل تەشۋىقات، مېڭە يۇيۇش› دەپ تەرىپلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەر بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىياسىي زۇلۇمنىڭ ئۈستىگە يەنە ئېغىر مەنىۋى زۇلۇملارنى قوشماقتا. بۇنىڭ ئاقىۋىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى ۋە نەپرىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، رايون ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈشى مۇمكىن.» دېدى.
