ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مائارىپ دائىرىلىرى 2017-يىلى ئۇيغۇر دىيارى بويىچە يېڭىدىن ۋە كېڭەيتىپ قۇرۇلىدىغان 4387 قوش تىل يەسلىسىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىكى قۇرۇلۇش خىزمەتلىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
«شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى مەخسۇس بەش تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنى تۇرپان، قەشقەر، خوتەن، ئىلى ۋە باشقا ۋىلايەتلەرگە ئەۋەتىپ، يەسلىلەرنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالى ھەم باشقا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.
خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۈچ يىللىق ھەقسىز ئوقۇتۇلىدىغان قوش تىللىق يەسلىلەرنى كېڭەيتىپ قۇرۇش ۋە يېڭىدىن قۇرۇشتا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبى، يەنى نوپۇس جەھەتتە ئۇيغۇرلار زىچ ۋە ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان ناھىيە ھەم يېزا-كەنتلەر ئاساسىي نىشان قىلىنغان. بولۇپمۇ، ئۈچ يىللىق ھەقسىز قوش تىللىق مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشتا خوتەن ۋىلايىتى دەسلەپكى نىشان قىلىنغان ئىكەن.
ھازىر خوتەن ۋىلايىتىدە 480 قوش تىللىق يەسلى مەۋجۇت بولۇپ، قوش تىللىق يەسلىلەرنىڭ ئومۇمى سانى بۇ يىل 9-ئايغىچە 1000غا يەتكۈزۈلىدىكەن ۋە بۇنىڭدا 244 مىڭ بالا ئوقۇتۇلىدىكەن.
قەشقەر ۋىلايىتىمۇ قوش تىللىق يەسلىلەرنى ئومۇملاشتۇرۇشتىكى ئاساسلىق نىشانلىق جاي بولۇپ، بۇ يىل قەشقەر ۋىلايىتىدە 1152 قوش تىللىق يەسلى يېڭىدىن قۇرۇلىدىكەن.
ئەمما دائىرىلەر قوش تىللىق يەسلىلەرنى قۇرۇشتا مەبلەغ بىلەن ئوقۇتقۇچى مەسىلىسى مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسەتكەن.
نۆۋەتتە، ھەر قايسى جايلاردا قوش تىللىق يەسلىلەرگە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش باشلانغان بولۇپ، ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىشتا ھەتتا ئۇيغۇر تىلىنى بىلمەيدىغان خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ كۆپلەپ قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى ئىنكاس قىلىنماقتا.
بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىنكاسلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قوش تىلى مائارىپى ئەمەلىيەتتە پەقەت خىتاي تىلىنى ئاساس قىلغان يەككە تىللىق مائارىپتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى يەسلىدىن تارتىپ خىتاي تىلىدا تەربىيىلەش مەقسەت قىلىنغان. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق لايىھىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ بۇ ھەقتە باياناتلارنى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تىلىدىكى مىللىي مائارىپىغا ئەھمىيەت بېرىشكە، ئۇيغۇر تىلىدىكى ئالىي مائارىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە چاقىرىپ كەلمەكتە.