دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى «قۇل ئەمگىكىگە قارشى ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن رامىلە چانىشېفنى تەبرىكلىدى

ئاۋسترالىيە تەڭرىتاغ ئاياللىرى ئۇيۇشمىسى رەئىسى رامىلە چانىشېف خانىم 3-ئاينىڭ 24-كۈنى ئاۋسترالىيە قۇل ئەمگىكىگە قارشى تۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ «قۇل ئەمگىكىگە قارشى ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا رامىلە چانىشېف خانىمنى ۋە مەزكۇر ئۇيۇشمىنىڭ ئەزالىرىنى تەبرىكلىگەن.

دولقۇن ئەيسا بۇ تەبرىكنامىسىدە، ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن قۇل ئەمگىكىنىڭ يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ مۇھىم قىسمى ئىكەنلىكىنى، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئاۋسترالىيەدە پائال ھەرىكەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكىرىگە قۇل ئورنىدا يۆتكىلىۋاتقانلىقى ياكى ئۆز جايىدىكى زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەشكە چاقىرىپ كەلگەنلىكىنى تەقدىرلەشكە لايىق بۈيۈك خىزمەت» دەپ ئېيتقان؛ دولقۇن ئەيسا يەنە: «سىلەرنىڭ تىرىشچانلىقىڭلار بىلەن ئاۋسترالىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قوبۇل قىلىپ، مەخسۇس قارار ماقۇللىشىغا ئىشەنچ بىلەن قارايمىز!» دېگەن.

2022-يىلنىڭ ئاخىرىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە لاگېر شاھىتلىرىدىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت جەنۇبىي ئاۋسترالىيە يەرلىك پارلامېنتىدا گۇۋاھلىق بەرگەنىدى. رامىلە چانىشېف خانىم شۇ چاغدا رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتايدىن كېلىدىغان مەجبۇرىي ئەمگەك ماللىرىنى چەكلەش توغرۇلۇق جەنۇبىي ئاۋسترالىيە پارلامېنتىغا بېسىم قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم ئاۋسترالىيە پارلامېنتىنىڭ جەنۇبىي ئاۋسترالىيەدىن سايلانغان سابىق سېناتورى رېكس پاترىك (Rex Patrick) رامىلە خانىم بىلەن بىرلىكتە بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.