جاڭ چۈنشيەن ئىسلام ئىنىستىتۇتىغا بېرىپ، رامىزاننى تەبرىكلىدى

تەڭرى تاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن رامىزان باشلىنىش ھارپىسىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەئىسى شۆھرەت زاكىر بىلەن بىرگە 5-ئىيۇن كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ئىسلام ئىنستىتۇتىغا بېرىپ ، مەزكۇر ئىنىستىتۇتتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ 6-ئىيۇن كۈنى رامىزان ئېيىنى باشلايدىغانلىقى ۋە ئۆزىنىڭ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيىنى قۇتلۇقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، جاڭ چۈنشيەن ئىسلام ئىنستىتۇتى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتتە رامىزان ئېيىغا يۇقىرى باھا بېرىپ« رامىزان ئېيى ئىناقلىققا تولغان، ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىدىغان، تەلەپچان بولۇپ خەيرىخاھلىق قىلىدىغان، ئۇرۇق-تۇغقانلىق مېھرىنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرىدىغان ئاي» دېگەندەك سۆزلەرنى ئېيتقان. لېكىن، جاڭ چۈنشيەن سۆزىدە يەنە ئىسلام ئىنستىتۇتى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىدىن « ئورتاق تىرىشىش ئارقىلىق، توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇش، ئوتتۇرا يولدا مېڭىش، كەڭ قورساق بولۇش»نى تەلەپ قىلغان. ئەمما ،خەۋەردە جاڭ چۈنشيەن تەكىتلىگەن توغرا ئېتىقاد بىلەن ئوتتۇرا يولدا مېڭىشنىڭ مەزمۇن دائىرىسى تونۇشتۇرۇلمىغان.

تېخى بىر قانچە كۈن ئىلگىرى خىتاي ئۇيغۇر رايونىنىڭ دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىك ئەھۋالى ھەققىدە مەخسۇس ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، بۇ رايوندىكى مىللەتلەرنىڭ دىنى ئېتىقاد جەھەتتە ئەركىن ئىكەنلىكىنى مەدھىيىلىگەن ئىدى. ئەمما، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە زەربىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ رامىزان تۇتۇشى ۋە رامىزانلىق پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشىنىڭ چەكلىمىلەرگە ئۇچراپ كېلىنگەنلىكى يىللاردىن بۇيان خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئىزچىل تەنقىد قىلىنىپ كېلىنمەكتە ئىدى.