رەيھان ئەسەت: «ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىمۇ قىممەتلىك دېيىلسە، ئولىمپىكنى چوقۇم بېيجىڭدىن يۆتكەش كېرەك»

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن لاگېرغا قامالغان ۋە كېيىن 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىنىسى ئەكبەر ئەسەت ئۈچۈن پائالىيەت قىلىۋاتقان ئادوۋكات رەيھان ئەسەت 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى خىتايدىن يۆتكەشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇ «ۋول-سىترىت ژورنىلى» دا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ئىنتايىن كۈچلۈك ماقالىسىدە ھېلىھەم بۇنىڭغا سادا چىقارمايۋاتقان خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى ۋە قوللىغۇچى شىركەتلەرنى ئەيىبلىدى. رەيھان ئەسەت ئۆزىنىڭ «ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىمۇ قىممەتلىك دېيىلسە، ئۇ چاغدا ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى چوقۇم يۆتكەش كېرەك» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازغان: «مەن 2008-يىلى بېيجىڭ يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزگەندە ۋۇخەندە تۇرۇپ خوشاللىق بىلەن تەبرىكلىگەن ئىدىم. 13 يىلدىن كېيىن مەن 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ بېيجىڭدىن يۆتكىلىشىنى، ئەگەر بۇ تاللاش مەغلۇپ بولسا، دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىمەن. مېنىڭ مەيدانىم زور دەرىجىدە ئۆزگەردى، چۈنكى مەن دېموكراتىك يۆنۈلۈشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلغان خىتايدىن ئىبارەت بۇ دۆلەت ھازىر رەھىمسىزلىك دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنىم ئەكبەر ئەسەتنى ئۆيىدىن ئۇزاق ۋە سېسىق نامى پۇر كەتكەن ئاقسۇ تۈرمىسىدە يالغۇز كىشىلىك قاماق جازاسىغا دۇچار قىلدى.»

رەيھان ماقالىسىدە2008-يىلى ئولىمپىك مەزگىلىدە گەرچە بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلار قوغلاپ چىقىرىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەينى چاغدا ئۆزىنىڭ يەنىلا ئۈمىدىنى ساقلاپ قالغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ يەنە 2009-يىلى 7-ئايدىكى «ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دە نامايىشچىلارنى كەڭ كۆلەمدە تۈرمىگە سولاش، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىغا زەربە بېرىش ۋە «قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى» نىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىشى بىلەن ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان ئۈمىدىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ ئاقىۋەتتە ئۆز ئىنىسى ئەكبەر ئەسەتنىڭمۇ بۇ كۈنسايىن زوراۋانلاشقان بۇ ھاكىمىيەتنىڭ قۇربانى بولغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن:

«دۇنيا خىتاينىڭ 2008-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىدىكى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىغانلىقىنى ۋە ئوچۇق-ئاشكارە ھالدا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلىدۇ. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى كورونا ۋىرۇس يۇقۇمى سەۋەبىدىن بۇلتۇرقى يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كېچىكتۈردى. ئۇ ھالدا نېمىشقا كېلەر يىلدىكى مۇسابىقىنى مىليونلىغان كىشىلەرنى قىيناش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، باسقۇنچىلىق ۋە ئاچ قويۇش ئادەتكە ئايلاندۇرۇلغان بۇ دۆلەتتە ئۆتكۈزۈشنىڭ ئورنىغا ئۇنى كېچىكتۈرمەيدۇ ياكى باشقا دۆلەتكە يۆتكىمەيدۇ؟»

رەيھان ئەسەت ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ «سىياسىي ئەندىشىلەر ئولىمپىك روھىنى بۇلغايدۇ» دېگەن باھانە بىلەن ئەمەلىيەتتە دەل ئولىمپىك روھىغا خىلاپلىق قىلىۋاتقانلار بىلەن ئاپاق-چاپاق بولۇۋاتقانلىقىنى قاتتىق تەنقىدلىگەن. ئۇ بۇنداق قىلغاندا خىتاينىڭ ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، ئۇنىڭ زۇلۇم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يەرشارىلاشتۇرۇشىغا يېشىل چىراق يېقىپ بېرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

رەيھان ئەسەت يەنە ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ قوللىغۇچى شىركەتلىرى بولغان كوكاكولا ۋە «ئېيىربىئەنبى» (Airbnb) شىركەتلىرىنىڭ يۈزسىزلىكىنىمۇ قاتتىق ئەيىبلىگەن. ئۇ ماقالىسىنى تۆۋەندىكى جۈملىلەر بىلەن ئاياقلاشتۇرغان: «ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى قىممەتلىك، ھېچقانداق تىجارەت گۇرۇھىنىڭ سودا مەنپەئەتى بىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىمىز ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىمىزدىن مۇھىم ئەمەس. دۇنيا خىتاينىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشى كېرەكمۇ-يوق دېگەن تالاش-تارتىشتا تۇرۇۋاتقان پەيتلەردە، مەن ئىنىم ئىككىمىز ئولتۇرۇپ بىرلىكتە بۇ مۇسابىقىدىن ھوزۇرلىنىدىغان كۈنلەرنى ئەسلەپ قالدىم. ئەگەر ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياتى ۋەھشىي جازا لاگېرىدا ۋەيران قىلىنىۋاتقان شۇ مىنۇتلاردا خەلقئارانىڭ تېخىمۇ گۈزەل بىر دۇنيا بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلغان تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنى خىتاينىڭ ئۆتكۈزۈشىگە يول قويغانلىقىنى ئۇقسا، قانداق بىر ھېسسىياتتا بولار-ھە؟»