رۇسىيە بىر ئاۋىئاماتكىنى ھىندىستان تەرەپكە رەسمىي تاپشۇردى
2013.11.16
شۇ جاي ۋاقتى شەنبە كۈنى، رۇسىيە بىر ئاۋىئاماتكىنى ھىندىستان تەرەپكە رەسمىي تاپشۇردى. بۇ ئاۋىئاماتكا سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى دەۋرىدە ياسالغان بولۇپ، بۇ نۆۋەت زامانىۋى تېخنىكىلار بىلەن يېڭىلانغان.
تاپشۇرۇپ بېرىش مۇراسىمى رۇسىيەنىڭ سېۋېرودۋىنسك پورتىدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا روسىيە مۇئاۋىن مىنىستىرى دمىترىي روگوزىن ۋە ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئا ك ئانتونيلار قاتناشتى.
ھىندىستان دائىرىلىرى مەزكۇر ئاۋىئاماتكىنى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ساقلاۋاتقان بولۇپ، بۇ ئاخىرى ھىندىستاننىڭ قولىغا يەتكۈزۈلدى.
رۇسىيە ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ھەربىي قورال - ياراق تەمىنلىگۈچىسى بولۇپ، بۇ نۆۋەت ھىندىستانغا بېرىلغان ئاۋىئاماتكا كېلىشىمى 2004 - يىلى ھاسىل قىلىنغان.
كېلىشىم بويىچە رۇسىيە مەزكۇر ئاۋىئاماتكىنى زامانىۋى تېخنىكىلار بىلەن قوراللاندۇرۇپ بېرىشكە قوشۇلغان. ھىندىستان بۇنىڭغا جەمئىي 2 مىليارد 300 مىليون دوللار تۆلىگەن.
بۇ ئاۋىئاماتكا ھىندىستان دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 3 - ئاۋىئاماتكىسى.
خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى تۇنجى ئاۋىئاماتكىسىنى سىناق قىلغان.
ھىندىستاننىڭ يېڭى ئاۋىئاماتكىغا ئېرىشى رايوندىكى ھەربىي كۈچ تەڭپۇڭلۇقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ قارالماقتا.