قازاق پارلامېنت ئەزالىرى رۇسىيە دۇماسى يېقىندا تىلغا ئالغان «قازاقىستاندىكى رۇسىيە تېرىتورىيەسى» دېگەن ئىبارىگە رەددىيە بەرگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.02.12


يېقىندا قازاقىستان پارلامېنتى تاشقىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى مەۋلان ھاشىمبايېف رۇسىيە دۇماسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پاۋېل شىپېروفنىڭ «تېرىتورىيە مەسىلىسى» ھەققىدىكى بايانلىرىغا قاتتىق رەددىيە بەرگەن.

باش شىتابى پراگادىكى «ئازادلىق رادىيوسى» قازاقچە ئاڭلىتىشىنىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە دۇماسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شىپېروف 26-يانۋار كۈنى مۇنداق دېگەن: «ھازىرقى قازاق-رۇس چېگرا سىزىقى مەڭگۈلۈك ئەمەس. ھازىر قازاقىستان ۋاقتىنچە تۇتۇپ تۇرىۋاتقان رۇسىيە تېرىتورىيەسىنى بىز ئۇزۇنغا قالماي قايتۇرۇپ ئالىمىز.»

قازاقىستان تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقى بۇ ھەقتە دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئەندىشىسىنى بىلدۈرگەن. مەۋلان ھاشىمبايېف، پاۋېل شىپېروفنىڭ بۇ سۆزلىرىنى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ»، دېگەن.

مەلۇمكى، رۇسىيەدىكى بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى سولژېنىتسىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان نوپۇزلۇق شەخسلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ، قازاق-رۇس چېگراسىنى قايتا سىزىشنى تەشەببۇس قىلغان.

موسكۋانىڭ 2014-يىلى زورلۇق كۈچ ئىشلىتىپ قىرىم يېرىم ئارىلىنى ئۆزىگە قوشىۋېلىشى، ئۇكرائىنادىكى رۇس ئاھالىلىرىنى قۇترىتىپ بۆلگۈنچىلىك ئېلىپ بېرىشى نۆۋەتتە رۇسىيە بىلەن چېگرالىنىدىغان شىمالىي تېرىتورىيەسىدە خېلى كۆپ رۇس ئاھالىلىرى بولغان قازاقىستاننى ئەندىشىگە سالماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.