رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى مەغلۇبىيىتى خىتايغا ساۋاق بېرەمدۇ؟

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.04.20
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

19-ئاپرېل «ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى» دا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە تەھلىل قىلىنىشىچە، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغان ئەسكەرلىرىنىڭ تالاپەتكە ئۇچراپ قايتا رەتكە سېلىنىشى، قارا دېڭىزدىكى ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ چۆكتۈرۈۋېتىلىشى قاتارلىق بىرقاتار مەغلۇبىيەتلەر رۇسىيەنىڭ ئاجىزلىقىنى ئاشكارىلاپ، خىتاينىمۇ ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى قايتا دەڭسەشكە مەجبۇرلىغان.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتايمۇ رۇسىيەگە ئوخشاش ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا تەقلىد قىلغان ئاساستا شەكىللەندۈرگەن. مۇتەخسسىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شى جىنپىڭ قاتارلىق خىتاي رەھبەرلىرى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن ئاشكارىلانغان ئاجىزلىقىنى ئىنچىكە تەھلىل قىلماقتا. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى «ئازادلىق ئارمىيە» سېنى ئىشقا سېلىپ تەيۋەننى ئۆزىگە قوشۇۋالماقچى بولسا، بۇ ئاجىزلىقلاردىن ساۋاق ئورنىدا پايدىلىنىشى مۇمكىن».

ئون نەچچە يىلدىن بېرى رۇسىيە ئارمىيەسى بىر قاتار ئىسلاھات ۋە زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشىدىن كېيىن گىرۇزىيە، چېچەنىستان، سۈرىيە ئۇرۇشلىرىدا غەلىبە قازانغان ۋە قىرىمنى يۇتۇۋالغان بولسىمۇ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئاشكارىلىغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئارمىيەسى 1979-يىلدىن بۇيان تۈزۈك جەڭ قىلىپ باقمىغان بولۇپ، رۇسىيەگە قارىغاندا جەڭ قىلىش تەجرىبىسى ئاز ئىكەن؛ خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىقىمۇ تۆۋەن بولۇپ، خىتاي پۇقرالىرى يالغۇز پەرزەنتىنى ئۆلۈمگە يولغا سېلىشنى خالىمايدىكەن. خىتاينىڭ جەڭ قوراللىرىمۇ رۇسىيەنىڭكىدىن ئانچە پەرقلەنمەيدىغان كونا قوراللار بولۇپ، زامانىۋىلىشىش دەرىجىسىنى يۇقىرى دېگىلى بولمايدىكەن. بۇنداق بىر ئارمىيەنىڭ مۇرەككەپ جەڭ ۋەزىيىتىدە غالىب چىقالىشى تەسكە توختايدىكەن، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى مەغلۇبىيىتىمۇ بۇنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.