خىتاي ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا رۇسىيە ھەربىي سانائىتىنى ئىلغار ماشىنا ئۈسكۈنىلەر بىلەن تەمىنلىگۈچى ئاساسلىق دۆلەتكە ئايلانغان
2024.01.02
رۇسىيەنىڭ 2022-يىلى 2-ئايدا ئۇكرائىناغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىشىدىن بېرى، خىتاينىڭ رۇسىيەنى ئىلغار ماشىنا ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلىشى ئون ھەسسە كۆپەيگەن.
«مالىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي موسكۋا ھەربىي سانائىتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان «كومپيۇتېر رەقەملىك كونترول» ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلەشتە ئاساسلىق ئورۇنغا ئۆتكەن. خەۋەردە، رۇسىيەنىڭ كومپيۇتېرلاشقان ئىشلەپچىقىرىش مەشغۇلاتى، يەنى ئالدىن پروگراممىلانغان يۇمشاق دېتال ۋە كود ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى تىزگىنلەش ئەسۋابى بولغان CNC يەنى «كومپيۇتېر رەقەملىك كونترول» ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلىشى ئون ھەسسە كۆپەيگەنلىكى، بۇ تەرەققىيات رۇسىيەنىڭ بۇ مەھسۇلاتلارغا ئېرىشىشىنى چەكلەپ كېلىۋاتقان ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئۈچۈن چوڭ ئەندىشىسىگە ئايلانغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
«مالىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي 2022-يىلى 2-ئايدا رۇسىيەنى 6.5 مىليون دوللارلىق «كومپيۇتېرلاشقان رەقەملىك كونترول» ئۈسكۈنىسى بىلەن تەمىنلىگەن بولسا، 2023-يىلى 7-ئايدا 68 مىليون دوللارلىق مەھسۇلات بىلەن تەمىنلىگەن. مۇتەخەسسىسلەر بۇ تەرەققىيات خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەربىي سانائەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنىڭ قانچىلىك چوڭقۇرلاشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارىماقتىكەن. بۇرۇن ياۋروپا ئىتتىپاقى، رۇسىيەنىڭ «كومپيۇتېر رەقەملىك كونترول» ئۈسكۈنىلىرىنى ئىمپورت قىلىدىغان ئاساسلىق مەنبەسى بولسىمۇ، لېكىن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىدىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇنىڭغا چەكلىمە قويغانىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا رۇسىيەگە «كومپيۇتېر رەقەملىك كونترول» ئۈسكۈنىلىرىنى ئېكسپورت قىلىشنى بىردەك چەكلىگەن. «مالىيە ۋاقتى» گېزىتى، نۆۋەتتە رۇسىيەگە «كومپيۇتېر رەقەملىك كونترول» ئۈسكۈنىلىرىنى داۋاملىق ئىمپورت قىلىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ جازالىشىغا ئۇچراش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
خىتاي رۇسىيەنى ئەجەللىك قوراللا ر بىلەن تەمىنلىگەنلىكى، ئۇنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى قوللىغانلىقىنى ئىنكار قىلسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى رەت قىلىپ كەلدى. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ رۇسىيەنى نېفىت، ماشىنا، ئىستېمال بۇيۇمى، ئاپتوموبىل قاتارلىق مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلىشى، ئېمبارگو ئاستىدىكى رۇسىيە ئىقتىسادىنى ساقلاپ قېلىشقا ياردەم بەرمەكتىكەن.