2017-يىلدىن باشلاپ نەچچە مىڭ يىللىق مۇستەقىل ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنى خىتاي تېبابەتچىلىكىنىڭ تارمىقى، دەپ ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر تېبابىتى مۇتەخەسسىسلىرىنى «رادىكاللىق»، «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلەپ باستۇرغان، شۇنداقلا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنى خىتاي دورا شىركەتلىرىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكۈزۈۋالغان خىتاي ھۆكۈمىتى، ئارىدىن 7 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدە «خىتاي ۋە مىللىي تېبابىتى مۇتەخەسسىسلىرى» سانلىق ئامبىرى قۇرغان. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بۇ سانلىق ئامبارغا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىن 138 نەپەر خىتاي ۋە مىللىي تېبابەتچىلىك مۇتەخەسسىسى كىرگۈزۈلگەنىكەن.
خەۋەردە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئۇنىۋېرسىتېتلار، داۋالاش ئاپپاراتلىرى، كارخانا ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن كەلگەن بۇ 138 مۇتەخەسسىسنىڭ دورىگەرلىك، بوتانىكا، ئىشلەپچىقىرىش سۈپىتىنى باشقۇرۇش ئۆلچىمى، سىياسەت مەسلىھەتچىسى، تىزىملاشنى باشقۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل ساھەلەرگە چېتىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ قانچە پىرسەنتنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ساھەسى «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»، «رادىكاللىق» ۋە «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ باستۇرۇلغان ساھەلەرنىڭ بىرى بولغان. ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر مىللىي تېبابەتچىلىك ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىلاردىن «شىنجاڭ مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ مۇدىرى، دوكتور خالمۇرات غوپۇر تۇتقۇن قىلىنىپ، ھازىرغا قەدەر ئىز دېرىكى بولمىغان.
ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يەنە داڭلىق ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك مەركەزلىرىدىن خوتەن ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئالى تېخنىكومىنىڭ نۇرغۇن ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرىمۇ تۇتقۇن قىلىنغانىدى. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، سانلىق ئامبارغا كىرگۈزۈلگەن مۇتەخەسسىسلەر «ئاپتونوم رايوننىڭ دورا قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، قەدىمكى كىلاسسىك رېتسېپلار ۋە خىتاي تېبابىتى ماتېرىياللىرىنى قېلىپلاشتۇرۇشتا تېخنىكىلىق يېتەكچىلىك پىكىر بېرىدىكەن»، شۇنىڭدەك يەنە «خىزمەت تەرتىپى ۋە تېخنىكىلىق يېتەكچىلىك ھۆججەتلىرىنى تۈزۈش، ئېلان قىلىشتىمۇ تېخنىكىلىق مەسلىھەت بېرىدىكەن.»
ھالبۇكى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2027-يىلىدىكى تۇتقۇندا نۇرغۇن قەدىمكى ئۇيغۇر تېبابىتى رېتسېپلىرىنىڭ تارتىۋېلىنىپ، خىتاي تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە شىركەتلىرىنىڭ پايدىلىنىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.